قاباھەت

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئەخەت تۇردى 1940 – يىل 11 – ئايدا قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1949 – يىلدىن 1959 – يىلغىچە باشلانغۇچ – تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1959 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1964 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، <تارىم> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر ۋە كېيىنچە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1989 – يىل 1 – ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

 ئەخەت تۇردى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1958 – يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <گۈرۈچ> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. بۇ تۇنجى ھېكايىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭغا زور ئىلھام ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ پۈتكۈل زېھنىي كۈچىنى ھېكايە ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، <گۈلخان>، <ھاياتنىڭ باشلىنىشى>، <مەرھابا، باغۋەن>، <مەھبۇس قىزى>، <سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە>، <خەير – خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان>، <قىزىق ئىشلار>، <يەر گۇۋاھ، ئاسمان گۇۋاھ> قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھېكايىلەرنى يازغان، بۇ ھېكايىلەر كىتابخانىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن. ئەخەت تۇردى يەنە پوۋېست ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <قىيانلىق دەريا>، <باھاردىكى جۇدۇن>، <مۇزلىغان يۈرەك>، <سەبىيلەر پاجىئەسى>، <قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا>، <ئەلۋىدا، كۆز يېشىم> قاتارلىق بىر تۈركۈم پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان.  ئەخەت تۇردى رومان ئىجادىيىتىدىمۇ مول ھوسۇل ئالغان يازغۇچى. ئۇ، 80 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئاساسەن يىرىك ئەسەرلەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپرەك ئىجادىي كۈچنى رومان ئىجادىيىتىگە قاراتقان. ئۇ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن <ئۇنتۇلغان كىشىلەر>، <ھايات شۇنداق>،ئۇنتۇلغان كىشىلەر »،«ھايات شۇنداق»،«بەختسىز سەن.ئىدىيە»، <ئاي يامغۇرى> ناملىق رومانلاردا كەڭ، باي بەدىئىي تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئارقىلىق، شۇ دەۋرنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى، شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ۋە بەدىئىي ئىزدىنىشلىرى خېلى روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. 

ئەخەت تۇردى يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ 25 يىللىق زېھنىي كۈچىنى، ئەجرىنى <تارىم> ژۇرنىلىغا بېغىشلاپ، ژۇرنالنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ياخشى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش، ياش ئەدىب – ھەۋەسكارلارنى يېتەكلەش، ھەر خىل ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشقان. ئەخەت تۇردىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <گۈلخان> (1980 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، <قىيانلىق دەريا> (1982 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى، <گىرىمسەن يوللار> (1985 – يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، <قەترە> (1986 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <ئۇنتۇلغان كىشىلەر> (1987 – يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <ئەلۋىدا، كۆز يېشىم> (1991 – يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <ھايات شۇنداق> (1991 – يىل، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <خەير – خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان> (1993 – يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق تاللانغان ھېكايىلەر توپلىمى، <ئاي يامغۇرى> (1994 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى),«قاباھەت» ، «سەرسان روھ»، «يەكچەشمە»،«كونا كۇچا» ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. ئەخەت تۇردى ھازىر 1 – دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.“

قىسقىسى ، ئەخەت تۇردى دەۋر قىياپىتى ئىجابىي ۋە سەلبەي ياقتىن تورۇتقان ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك ، زىددىيەت- توقۇنۇشلىرى كەسكىن ، پىرسۇناژلىرى ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگە ، تىلى تاتلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋەر ئەسەرلىرى بىكەن يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ، جۈملىدىن ئۇنىڭ رومانچىلىق ساھەسىگە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان يازغۇچىدۇر.

بىز ئاخىرىدا ، ھۆرمەتلىك ئەدىبنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، قەلىمىگە تېخىمۇ زور بەرىكەت تىلەيمىز.  2009-يىل ، مارت.

2011.02.1 ئاپتور: ئافشار
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se