ئېغىر تىنىقلار (1،2)
ئاپتور:يۈسۈپ ئىلياس
1997-يىلى 11-ئاي 1نەشرى
2010-يىلى 8-ئاي 5-بېسىلىشى
تىراژى:21001-26000
باھاسى:105.00
مۇھەررىردىن
يۈسۈپ ئىلياس «ئېغىر تىنىقلار » ناملىق تارىخىي رومانى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ھەمدە بەلگىلىك شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، 1925-يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغان . كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئىلى چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى جاغىستاي يېزىلىق «بىرلىك» مەكتەپتە ۋە ئىلى دارىلمۇئەللىمىنىدە ئوقۇغان .1942-يىلىدىن باشلاپ جاغىستاي «بىرلىك» مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . 1956-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگەن ، 1957-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن . 1961-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ بېرىپ ، ئالمۇتا «يازغۇچى نەشرىياتى «،«يىڭى ھايات» گېزىتلىرىدە مۇھەررىر ، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 1987-يىلى پېنسىيىگە چىققان . 1999-يىلى 24-مايدا ئالمۇتا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن .
ئۇ ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇن نادىر ھېكايە ، پوۋېست، رومان ، ۋە ماقالىلەرنى يازغان بولۇپ ، 1950-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «سېرىق كونۋېرت» ، «ئانىنىڭ قەلبى » قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى نەشر قىلىنىپ ، ئەينى مەزگىللەردە پروزا ساھەسىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل تۈردە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ، «تونۇش – بىلىشلەر» ناملىق ھېكايە – پوۋېستلار توپلاملىرى ،«ئېغىر تىنىقلار» (جەمئىي ئىككى توم . 1تومى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1977-يىلى نەشر قىلىنىپ تاھازىرغىچە 18 مىڭ نۇسخا بېسىلدى) ناملىق تارىخىي رومانلىرى نەشر قىلىنغان . ئۇنىڭ «ئادىمىي شەيتان» ناملىق پوۋېستى «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان .
«ئېغىر تىنىقلار» ناملىق ئىككى قىسىملىق روماندا ئەينى مەزگىلدىكى خوجىلار ھۆكۈم سۈرگەن ئالتە شەھەرنىڭ ئەھۋالى ، ھەر قايسى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ روھىي ھالىتى ،18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرى يەكەنگە دانىيال خوجىنى قورچاق خان قىلىپ تىكلەپ ، ئۇنىڭ قۇلى ئارقىلىق كەڭ ئەمگەكچى خەلقنى زۇلۇم – ئوقۇبەتكە گىرىپتار قىلغانلىقى ، دانىيال خوجا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ خوجا ۋە يۈسۈپ خوجىلارنىڭ يەكەن ، قەشقەر دىيارىدا ھاكىم بولۇپ تۇرغان چاغدىكى ۋەقە – ھادىسىلەر ، خەلقنىڭ جۇڭغارلارنىڭ زۇلۇمىغا قارىشى ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى خېلى يۇقىرى ماھارەت بىلەن سۈرەتلەپ بەرگەن.