ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇقام

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇقام

باھاسى:75.00

2007-يىل 12-ئاي 1-نەشرى

2007-يىل12-ئاي1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN:9787807275534

كىرىش سۆز

«مۇقام» نىڭ مەنىسى «چوڭ كۈي» ، ئۇ ناخشا – ئۇسۇل ، مۇزىكىنى بىر گەۋدىگە مۇجەسسەم قىلغان چوڭ ھەجىملىك ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلى .«شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى » ئېلىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ھەر خىل مۇقاملارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى غەربىي يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ كلاسسىك سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مۇغەننى – رەققاس ۋە ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى . شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىدى . شۇنداقلا ئادەم كۈچى ، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچ جەھەتتە ھەر تەرەپلىمە قوللىغانلىقى ئۈچۈن ، رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى يامغۇردىن كېيىنكى باھار مايسىلىرىدەك باراقسان كۆكلەپ ياشنىدى . بۇ جەرياندا زور بىر تۈركۈم پېشقەدەم رەھبەرلەر ، پېشقەدەم سەنئەتكارلار ، پېشقەدەم يولداشلار ئۆزىنىڭ يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىپ ، ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشلىتىپ ، رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى . «مۇقام» دەل مۇشۇنداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ، ناھايىتى ياخشى قېزىلدى ، رەتلەندى ، نەشر قىلىندى ۋە قوغدىلىپ قالدى.تەنتەنە قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، -يىل -نويابىردا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىلتىماس قىلىنغان «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى» ب د ت تەرىپىدىن ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» قىلىپ تاللاندى . ئىلتىماسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇيغۇر مىللىتى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ . شىنجاڭنىڭ شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇ جى ئەپەندى شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ، مۇقامنى ئىلتىماس قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى» نى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆپ ئىشلارنى قىلدى . ئۇ « شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامىنى تەشۋىق قىلىش سىجىللىقىنى كۈچەيتىش، تەسىرىنى كېڭەيتىش ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا ئائىت بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇيغۇر مۇقامى ۋەكىللىكىدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشى ۋە دىققەت – ئېتىبارىنى كۈچەيتىش» مەقسىتىدە ، ئۆزى تۈزگەن «ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇقام ھەققىدە چۈشەنچە » ناملىق مۇشۇ كىتاب ئارقىلىق «مۇقام» سەنئىتىگە ئائىت بىلىملەرنى ،«جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى» نىڭ ئالاھىدىلىكىنى ، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى مۇقاملار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ، «ئىلتىماس» تا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى شۇنداقلا «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى» نىڭ كەلگۈسىنى ئاددىي ۋە ئوقۇمۇشلۇق قىلىپ شەرھلىدى .

«ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇقام ھەققىدە چۈشەنچە » پاساھەتلىك تىل ۋە كۆركەم سۈرەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ دۇنيا مۇقام چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۆزىگە خاس ئورنىنى ، ئىنسانىيەت سەنئەت تارىخىدىكى يېگانىلىقى ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدە كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك جۇلالىنىپ تۇرىدىغان گۆھەر بولۇشىقا مۇناسىپ ئىكەنلىكى تولۇق نامايان قىلىندى . ئەگەر ئۇيغۇر مۇقامىنى ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئومۇرۇتقۇسى دېيىشكە توغرا كەلسە ، ئۇنداقتا «ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇقام ھەققىدە چۈشەنچە» بىزنى ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت قىممىتى ۋە تارىخىي قىممىتىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى ياخشى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى «مەدەنىيەت مىراسى كۈنى» يىتىپ كېلىش ئالدىدا ، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەشرىياتىنىڭ مۇشۇ كۈنگە سوۋغا سۈپىتىدە بۇ كىتابنى نەشر قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن . مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئاممىباب ئوقۇشلۇقىنىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىسمائىل تىلىۋالدى

2007-يىل 10-ئاي

2011.02.11 ئاپتور: ئوغۇز

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se