خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا

باھاسى: 24 سوم

مۇھەررىردىن

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى 1923-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . 1942-يىلى ئۈرۈمچىدە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ، ئاساسەن مەدەنىيەت مائارىپ سېپىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ، مۇدىر، گېزىت-ژۇرناللاردا مۇخبىر ، تەرجىمان ، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن . 1981-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان . 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى .

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى 1940-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن . ئۇنىڭ «يۈرەك مۇڭلىرى »،«تارىم بويلىرى»،«ئۆمۈر مەنزىللىرى » ناملىق ئۈچ شېئىرلار توپلىمى، «قەشقەر كېچىسى » ، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، ناملىق داستانلىرى ،«ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ناملىق تارىخى رومانلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. بىرمۇنچە شېئىر ، داستانلىرى خەنزۇ ۋە چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان . «قەشقەر كېچىسى » بىلەن «ئويغانغان زېمىن» 1-ۋە 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا 40-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ، تىل ، ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەتقىقاتىغا كىرىشىپ ، بىر مۇنچە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يېغىنىدىن كېيىن ، بىر مۇنچە ئالىملار قاتارىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگىمۇ ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ كەڭ زېمىن يارىتىلغان . ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئىككى بۈيۈك نامايەندە -«تۈركى تىللار دىۋانى » بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېلىدا نەشرگە تەييارلاشقا مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشقان ‘ بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە ،جۈملىدىن ،ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ھەققىدە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . ئۇنىڭ ئىلىم -پەن تەتقىقاتى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئۈچۈن،1984-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇيىچە ئىلغار پەن – تېخنىكا خادىمى بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى«بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەشھۇر كىشىلىرى قامۇسى »، «جۇڭگو ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر تەرجىمىھالى » ، «جۇڭگو ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسىرلىرى كاتالوگى » قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن . ئۇ ھايات مەزگىلىدە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغان ، ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، شىنجاڭ «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇلغان.

قۇلىڭىزدىكى بۇ كىتابقا ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە يۈرگۈزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىچىدىن 13 پارچە ماقالىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن . بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ؛ بىر قىسمى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىدا ، ئايرىملىرى مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەلدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىدا ئوقۇلۇپ ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن . تاللاپ رەتلەنگەن بۇ ماقالىلەر «قۇتادغۇ بىلىك» ، «تۈركىي تىللار دىۋانى »، شۇنىڭدەك ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا خېلى يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

2011.02.11 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati

Related Posts

يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se