كابۇللۇق كىتابپۇرۇش
ئاپتورى:ئاسنې سېيرستاد
2008-يىل5-ئاي 1-نەشرى
2008-يىلى 5-ئاي 1-بېسىلىشى
باھاسى:18.00
ISBN:9787105091904
ئاپتور ھەققىدە
ئاسنې سېيرستاد ، 1972-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان;“ نورۋېگىينىڭ دۇنياۋى ئۇرۇش مەيدانى مۇخبىر ۋە يازغۇچى“، “ ياۋروپادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 100 ئايالنىڭ بىرى“ دېگەن شەرەپلەرگە نائىل بولغان ; ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىدا رۇس تىلى ، ئىسپان تىلى ۋە پەلسەپە تارىخى ئۆگەنگەن ; ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەتشۇناسلىق بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان ; ئىلگىرى كېيىن بولۇپ رۇسىيە ، جۇڭگو ، بالقان يېرىم ئارىلى ، ئافغانىستان ، ئىراق ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە تورۇپ مۇخبىرلىق قىلغان ; “11-سېنتەبىر “ ۋەقەسىدىن كېيىن ، ئامېرىكا تالىبانلار ۋە بازار تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلغان چاغدا ، ئاسنې سېيرستاد ئافغانىستانغا ئەمەلىي زىيارەتتە بولغان ; بۇ جەرياندا ئۇ بىر كىتابپۇرۇشنىڭ ئۆيىدە تۆت ئاي تۇرغان ; ئۇ ئاشۇ كىتابپۇرۇشنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىنى كۆزىتىش ئاساسىدا 《كابۇللۇق كىتابپۇرۇش》 ناملىق بۇ روماننى يېزىپ چىققان ; بۇ رومان نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ، دۇنيا بۇيىچە ناھايىتى تېز بازار تېپىپ ، ئون نەچچە تۈرلۈك خەلقئارا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
مەزكۇر رومان ھەققىدە
《كابۇللۇق كىتابپۇرۇش》 ناملىق بۇ رومان – پېرسوناژلارنىڭ يۈرەك سىرلىرى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن دۇنياۋى بازارلىق كىتاب.
ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى يەنى كابۇللۇق كىتابپۇرۇش سۇلتان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان يۇرتداشلىرىنى قىممەتلىك مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ كېلىدۇ . لېكىن تەقدىر ئۇنىڭ بىلەن بەكمۇ قېرىشىدۇ ، جۈملىدىن سۇلتاننىڭ كىتابلىرى دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىماتىغا ئېرىشكەنلەر كۆيدۈرۈپ كۈل قىلۋىتىلدۇ، قىسقىسى ، ئارقا – ئارقىدىن باش كۆتۈرگەن مۇستەبىتلەر سۇلتان كۆز قارىچۇقىدەك ئەزىزلەيدىغان مەدەنىيەت – سەنئەتنى بولۇشىغا ۋەيران قىلىدۇ ، لېكىن ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازاب ئىچىدە قالغان سۇلتان ئاشۇ مەدەنىيەت سەمەرىيلىرىنى جېنىنى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ قوغدايدۇ،
《11-سېنتەبىر》 ۋەقەسىدىن كېيىن ، ياۋروپالىقلارنىڭ كۆپلەپ ئىشتىراك قىلىشىغا ئەگىشىپ ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئافغانىستان ئاسمىنىنى قاپلاپ تۇرغان سىرلىق تۇمانلار تارايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن سۇلتاننىڭ كىتابپۇرۇشلۇق تىجارىتىمۇ ئاجايىپ جانلىنىپ كېتىدۇ ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي 16 ياشلىق سانىيەنى توقاللىققا ئالىدۇ . بىر قۇرساق ئىنىسىنى “ماڭا بويۇنتاۋلىق قىلدى “دەپ ئۆيدىن چىقىرىدۇ. ئۈچ ئوغلىنى كىتابخانىسىدا 12 سائەتتىن ئىشقا سېلىپ ، ئۇلارنى بىغۇبار بالىلىق نۇرانە باشلىقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ……….
ئاپتور پۈركەنجىلەر ئىچىدىن كېلىۋاتقان قاڭسىق تەر ۋە چاڭ – توپىنىڭ ھىدىنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، ئوقۇرمەنلەرنى ئاشۇ پۈركەنجىلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئاجايىپ سىرلىق بىر دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ . ئومۇمەن ، ئەسەردە ئافغانىستان جەمئىيىتىدە نەچچە يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن قىسمەتلەر ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر ، سۇلتان ئائىلىسىدە بولۇپ ئۆتكەن دىشۋارچىلىقلارنىڭ جانلىق تەسۋىرى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك يورۇتۇپ بېرىلگەن .