ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شېرىنئاي مەزگىلىدە ھامىلىدار بولسا ياخشىمۇ؟

شېرىنئاي مەزگىلىدە ھامىلىدار بولسا ياخشىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-19 ئاۋاتلىقى: 691 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شېرىنئايدا ھامىلىدار بولۇش «بەخت قۇشى قونۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر شېرىنئايدا تۇغۇلغان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىلمىي بولغان تۇغۇت قارىشىغا ماس كەلمەيدىغان قالاق قاراشتۇر.


سۈپەتلىك تۇغۇت ئىلمى ۋە بىيولوگىيە نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئېيتقاندا، «بەخت قۇشى قونۇش» سۈپەتلىك تۇغۇشقا پايدىسىز. چۈنكى شېرىنئاي مەزگىلىدە، ئەر-ئايال بولغۇچى ھەر خىل توي تەييارلىقىنى غەملەش جەريانىدا ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ھازىرقىدەك تويدا ھاراق-تاماكىدىن ساقلىنىش تولىمۇ قىيىنلىشىپ كەتكەن دەۋردە، ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىقلار بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ يېتىلىشىگە زىيانلىق. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ شېرىنئاي مەزگىلىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇ خىل زەھەرنىڭ زىينىغا ئۇچرىغان يەنە كېلىپ سۈپىتى ناچار ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن يېتىلگەن ھامىلىدە بويىدىن ئاجراپ كېتىش، تۆرەلمە ئۆلۈك چىقىش، تۆرەلمە غەيرىي بولۇش، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا يېڭى توي قىلغان ئەر-ئاياللار شېرىنئاي مەزگىلىدە ھامىلىدار بولۇشقا بولمايدۇ.
يېڭى توي قىلغان ئەر-ئاياللار شېرىنئاي مەزگىلىدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى، توي قىلىپ 1~2 يىلدىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭ بولسا، بولۇپمۇ ئايال تەرەپنىڭ يېشى چوڭ بولۇپ، تۇغۇت مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشكە مۇمكىن بولمىسا، تويدىن بۇرۇن تولۇق تەييارلىق قىلغان شەرت ئاساسىدا، توي قىلىپ 3 ئايدىن كېيىن ھامىلىدار بولسا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاساسەن ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇشمۇ بىرقەدەر مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى