ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

غەيرىي سىتېرول تۈرىدىكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك دورىلار

غەيرىي سىتېرول تۈرىدىكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك دورىلار

ۋاقتى: 2016-02-15 ئاۋاتلىقى: 668 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دانىيە  غەيرىي سىتېرول تۈردىكى ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، بوۋاقلارنىڭ كەمتۈك تۇغۇلىدىغان  ئەھۋاللارنىڭ بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا قارىتا  ئىستاتىستىكا ئېلىپ بارغان.


غەيرىي سىتېرول تۈردىكى ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورىلار بولسا ھامىلىدار ئاياللار دائىم ئىشلىتىدىغان دورا ھېسابلىنىدۇ، تەخمىنەن %31 ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىشلەتكەن،  ھەتتا پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىسبىتى %65 كە يەتكەن، بارلىق  غەيرىي سىتېرول تۈردىكى  ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىنىڭ ھەممىسى ھالقىسىمان ئوكسىگېنلىق كىسلاتا تىزگىنلىگۈچى رېئاكتىۋ بولۇپ ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئەكس تەسىرى بولىدۇ. زۇكام دورىسى، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى، ئاغرىق توختىتىش دورىسى، ئانتىرېۋماتىك دورا قاتارلىق رېتسېپلىق ۋە رېتسېپسىز دورىلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا غەيرىي ستېروللۇق ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورا تەركىبى بار. شۇڭا تۇغۇت يېشىدىكى  ئاياللار بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى چۈشىنىشى ناھايىتى زۆرۈر.
بەزى تەتقىقاتچىلار ھامىلىدار ئاياللار ئاسپىرىن ۋە ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە بوۋاقلاردىكى تۇغما كەمتۈكلۈك ۋە بوۋاقلاردىكى بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. سالامەتلىككىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە ئىستاتىستىكىلىق تەھلىل ئارقىلىق  مۇنداق بىر يەكۈنگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە غەيرىي سىتېرول تۈردىكى ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش بىلەن بوۋاقلاردىكى كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ كۆرۈنەرلىك مۇناسىۋىتى يوق، بىراق بويىدىن ئاجراپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋىتى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى