ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرغاندا ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك 5 نۇقتا

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرغاندا ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك 5 نۇقتا

ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 703 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرغاندا، ئەگەر توغرا ئۇسۇل قوللانمىغاندا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ كۈتۈلمىگەن نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەندە تۆۋەندىكى 5 نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك :  
1. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، قوللانماقچى بولغان يېڭى ئۇسۇلنى تولۇق چۈشۈنۈپ، قەدەم-باسقۇچلىرىنى ياخشى ئىگىلەش.  
2. سايمان ئارقىلىق تۇغۇت چەكلەيدىغان ئەر-ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.  بىرىنچى قېتىملىق ھەيزنىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېيىش، بۇنىڭ ئالدىدا بىرگە بولغان ۋاقىتتا چوقۇم سايمان ئارقىلىق ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.  

3. ئۇزۇن ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئاياللار، ئەگەر باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىغا ئۆزگەرتمەكچى بولسا، بالىياتقۇغا تۇغۇت چەكلىگۈچ سالماقچى بولسا،  گاندۇك ئىشلىتىش، 2~3 ھەپتە قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلىتىش، ھەيز نورمالسىزلىقى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.  
4. گەرچە بالىياتقۇغا سېلىنىدىغان تۇغۇت چەكلىگۈچلەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەممىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى بولىدۇ.  پەقەت سېلىنغان ھالقا ئۆزىگە ماس كەلسىلا، ئۈنۈمىدە چاتاق يوق، ئەكس تەسىرىمۇ بولمايدۇ، ئىشلىتىۋېرىش، قارىغۇلارچە ئالماشتۇرۇپ يۈرمەسلىك كېرەك.  ئادەتتە بالىياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلەش ھالقىسىنى 20~10 يىلغىچە قويۇشقا بولىدۇ.  
5. تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلماقچى بولغان ئەر-ئاياللار ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، بەدەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش، مۇناسىۋەتلىك خىمىيەلىك تەكشۈرتۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشى، ئوپېراتسىيەدىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئەر-ئايال بىللە بولۇشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.  
مەيلى قانداق ھامىلىدارلىقتىن ساقىنىش تەدبىرىنى قوللانمىسۇن، كۆپچىلىك توغرا بولغان تۇغۇت چەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى