ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ھامىلىدار بۇلالماسلىق

ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ھامىلىدار بۇلالماسلىق

ۋاقتى: 2016-08-16 ئاۋاتلىقى: 640 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىرقى كۆپىنچە ئاق ياقىلىق خىزمەتچىلەر، خىزمەت جەريانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ، بۇ بولسا ھەيز ۋاقتىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتە دائىم چېنىقمىغاننى ئاز دەپ يەنە كۈندە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، قان تۇمۇرلارنىڭ تۇسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق بۇلىۋېرىش بەدەن ئىششىپ قالىدىغان، ھامىلىدار بۇلالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەيز كەلمەسلىك ئاسانلا لىمفا ۋە قان تۇمۇرلارنىڭ تۇسۇلۇپ قېلىش، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى راۋان بولماسلىق قاتارلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇلار ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇشتىن ياكى بەدەن سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا بالىياتقۇ پەردە تۇقۇلمىسىدىكى قان راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارمۇ بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بولسا ھامىلدار بۇلالماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرغاندا ياكى ئولتۇرۇش قىياپىتى مۇۋاپىق بولمىغاندا، ھەيز ۋاقتىدىكى قان كەينىگە قايتىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ئاشقازا ئاستا خارەكتېرلىك داس بوشلىقىغا قان تولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن داس بوشلۇقى ئەتراپىدىكى نېرۋىلار تەسىر قىلىپ ئاغرىش، ئىششىق كېلىپ چىقىدىكەن، ياش قانچە چوڭايغانسېرى شۇنچە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدىكەن، ئۇزاق ئولتۇرغاندا قان ئايلىنىش ياخشى بولماي، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئەگەر تەكشۈرۈتكەندە ئۇزاق ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھامىلىدار بۇلالماسلىق بولسا، ئۇنداقتا داۋالىنۋاتقان مەزگىلدە دوختۇرغا تولۇق ماسلىشىشىڭىز كېرەك، يەنە كەيپىياتنى چوقۇم ياخشى تۇتۇش كېرەك، چۈنكى داۋالىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا پەقەت ئۆزىڭىزنى قۇيىۋېتىپ ئەڭ ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ قالسىڭىزلا تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ، يەنە مۇۋاپىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىڭ.
مۇتەخەسسىسنىڭ پىكرى: ئەگەر سىزنىڭ ھەر كۈنى ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭىز ئۇزۇن بولسا، ئۇنداقتا ھەر 45 مىنۇتتا بىر 10 مىنۇت ئارام ئېلىشىڭىز، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھەرىكەت ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ، كەچلىك تاماقتىن كېيىن يول مېڭىپ بېرىڭ، بۇلار ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچىراشنى ياخشىلايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى