ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(2)
يانفوندا كۆرۈش
بالىياتقۇدىكى ئۆسمە
يېقىندىن بىرى، بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى بارغانسىرى ياشلىشىپ كېتىشى ھورمۇننىڭ ئۆزگۈرۈشى ۋە خىزمەت بېسىمىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزى ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە سەل قاراپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. بالىياتقۇ ئۆسمىسىنى مىسال قىلساق، ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى بالدۇر تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئۆسمىنىڭ ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر قىلىش-قىلماسلىقى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن بەلگىلىنىدۇ، بىرى دىئامېتىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، يەنە بىرى ئۆسكەن ئورنى. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەدەندىكى ھورموننىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك، بالىياتقۇ ئۆسمىسى تۇيۇقسىز چوڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.
ئادەتتە دىئامېتىرى 5 سانتىمېتىر بولغان بالىياتقۇ ئۆسمىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، بىراق 5 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك.
ئۆسمىنىڭ ئورنى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ئۆسمە بالىياتقۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كەتسە، ئاقىۋىتى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار بولغاندا ئۆسمە يەنە قىزىلغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن، ياخشى سۈپەتلىك ئۆزگىرىش بولغان تەقدىردىمۇ قورساقنىڭ ئاغرىشى ۋە قىزىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بىراق ھامىلىدار ئاياللار داۋالانغاندا بىر ئاز قىينىلىدۇ. شۇڭا بالىياتقۇ ئۆسمىسىنى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تەكشۈرتۈش، دوختۇرنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ۋە كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىن ساقلىنىش كېرەك.