ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسى چوقۇم قىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسى چوقۇم قىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلار

ۋاقتى: 2014-01-24 ئاۋاتلىقى: 600 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى، ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش ۋاقتىنى ھېسابلاش
بۇ سۇ كەلگۈچە توغان سالىدىغان خىزمەت بولۇپ، سىزنىڭ ئاشۇ ئەڭ مۇھىم ۋاقىت ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ھامىلىدار بولۇش ۋاقتىنى ھېسابلاش بولسا تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىنى مۆلچەرلىك ھېسابلاش بولۇپ، بۇنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئاساسىي تېمپېراتۇرا ئۇسۇلى. ھەر كۈنى ھەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماي، تېرمومېتىر ئارقىلىق تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچەڭ. بىر ئايدىكى تېمپېراتۇرىڭىزنى بىر ئەگرى سىزىقلىق گىرافىكتا ئىپادىلەپ چىقىپ، ئاساسى تېمپېراتۇرا جەدۋىلى تۈزۈڭ. ئومۇمەن تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىدا تېمپېراتۇرا تەخمىنەن 0.3-05 سىلسىيە گرادۇس يۇقىرى بولىدۇ.

ئاساسى تېمپېراتۇرا جەدۋىلىگە ئاساسەن، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە پىلانلىق ئۇرۇقلىنىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ توغرىلىق نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا، ھەيز دەۋرىگە ئاساسەن تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىنى ھېسابلاش. ئىلمى ھامىلىدار بولۇش مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.



ئىككىنچى، تۇرالغۇنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش
ياخشى بولغان تۇرالغۇ مۇھىتى شۇ مۇھىتتا ياشىغۇچىغا خۇشال كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ-دە، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ھامىلىدار بولماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن، بۇ تېخىمۇ مۇھىم. ئائىلە سايمالىرىنىڭ بېزەكچىلىكىدە بۇلغانغان جاي بارمۇ يوق، تۇرالغۇ ئەتراپىدا شاۋقۇن بارمۇ يوق؟ دېگەن مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى ئۆينىڭ تېگىدىكى گىلەمنى ئېلىۋېتىش بىلەن بىرگە، توك گىلىمى ئارقىلىق ئىسسىنماسلىق كېرەك.


ئۈچىنچى: ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇش
ياخشى ئۇخلىغاندىلا روھى ھالەت ياخشى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا بەدەننىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مىخانىزمى ئەڭ ياخشى ھالەتتە بولىدۇ. مۇۋاپىق ۋاقىتتا، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇخلاش، ھامىلە ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر 35 ياشتىن ھالقىغان بولسىڭىز، ياكى بالا چۈشۈرۈش تارىخىڭىز بولسا، ۋەياكى بەزىر ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىك تارىخىڭىز بولسا، ئۆزىڭىزنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇشىڭىز ھەقىقەتەن بەك مۇھىم.
تۆتىنچى، جىنىسي ئەزانىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش
ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ، تېرە، شىلىمشىق پەردە ۋە قاتلام بىر قەدەر كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە ئالدى كەينىدە سۈيدۈك يولى ۋە مەقئەت بولغانلىقتىن، ئاسانلا بولغىنىشقا ئۇچرايدۇ. سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھامىلىدار بولۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلى ئىچىدە تېخىمۇ شۇنداق. ھەر كۈنى سۈزۈك سۇدا يۇيۇش ۋە ئىچكى كىيىمنى ئالماشتۇرۇش كەم بولسا بولمايدۇ. سۈزۈك سۇدا يۇغاندا، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىلمان بولسا بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇش بۇ مۇھىم ئىش، شۇڭا بۇ مەزگىلدە يەنىلا سىزنىڭ مەخسۇس يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بەشىنچى، ئۆز ئىختىيارىچە ئوزۇقلۇق تولۇقلىماسلىق كېرەك
ھەر قانچە ياخشى بولغان تولۇقلاش دورىلىرىمۇ، يەنىلا ئادەم تېنىنىڭ مىتابولىزم رولىنىڭ تەسىرىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ جەرياندا جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بەلگىلىك مىقداردا ئەكس تەسىرىنىڭ بولۇشى تەبئىي. بۇنداق بولغان ئىكەن، ھامىلىدار بولغۇچى ۋە ھامىلىگە نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. بەزى ھامىلىدارلار كۆپ مىقداردا ئانا ھەرە جەۋھىرى (蜂乳) ئىشلىتىپ، ئېغىر دەرىجىدە قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرى بالىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.
ئادەتتە ئادەمگىياھ ئانا ھەرە جەۋھىرى، ياڭسەن كومىلىچى (洋参丸)، بالىياتقۇ گۆھىرى (宫宝) قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئۆز تېنى ۋە ھامىلىگە زەخمە يەتكۈزىدۇ. راك، قىسقۇچپاقا ۋە يىراق شەرق تاشپاقىسى (甲鱼) قاتارلىقلارنى بۇ ۋاقىتتا يېگەندە، ئىچكى ئاجراتما ماددىلارنىڭ تەرتىپسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا، ئەڭ مۇھىمى، ئادەتتە يەيدىغان تاماقلارنى ياخشى يېيىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى ئەركىن تۇتۇپ، ساغلام روھ بولسىلا كۇپايە.
ئالتىنچى، تۇغۇت كۆرسەتكۈچى ئىلتىماس قىلىش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، بالىلىق بولماقچى بولغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ خالىغان بىرىنىڭ ئىشلەۋاتقان ئورنىدىن ياكى نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن تۇغۇت كۆرسەتكۈچى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى