ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى قان تولۇقلىغۇچى يېمەكلىكلەر رىسالىسى

ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى قان تولۇقلىغۇچى يېمەكلىكلەر رىسالىسى

ۋاقتى: 2016-06-07 ئاۋاتلىقى: 654 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 1. ئادەمگىياھ بوتقىسى
خۇرۇچى: ئادەم گىياھ بوتقىسى 15 گىرام ئاز مىقداردا ناۋات، 100 گىرام يۇمىلاق شال گۈرۈچى بوتقىسى
رولى: قان ئازلىقىنى داۋالاشقا ئۈنۈمى بولىدۇ.
 2.   كالا سۈتى بوتقىسى
خۇرۇچى: 100 گىرام يۇمىلاق شال گۈرۈچ بوتقىسىنى قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن 200 گىرام يېڭى كالا سۈتىگە سالىمىز. 
رولى: يەڭگىش مەزگىلىدىكى قان ئازلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.


  3. كاللەك سەي بوتقىسى
خۇرۇچى:  ئاۋۋال مۇۋاپىق مىقداردىكى كاللەك سەينى نەچچە مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن توغراپ قاينىغان يۇمىلاق شال گۈرۈچى بوتقىسىغا سالىمىز. 
رولى: قان ئازلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. تاتلىق پۇرچاق بوتقىسى
 يېڭى پۇرچاق ۋە 100 گىرام يۇمىلاق شال گۈرۈچى بوتقىسىنى قايناتقاندىن كېيىن ئازراق ناۋات سالىمىز.
رولى: قان ئازلىقىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدۇ.



  5.  توخۇ شورپىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاۋۋال مېكىيان گۆشىنى قاينىتىپ شورپىسىنى چىقىرىمىز، ئاندىن شورپىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ 100 گىرام قاينىتىلغان يۇمىلاق شال گۈرۈچى بوتقىسىغا سالىمىز. 
رولى: ھامىلىدار ئاياللار دائىم ئىستېمال قىلسا قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.
6.  قىشلىق موگۇ چىلىنى
خۇرۇچى: قىشلىق موگۇ 20 گىرام،  چىلان  20 تال توخۇ گۆشى گىرام،  پىياز، تۇز، ئاق شىكەر قاتارلىقلارنى ئايرىم-ئايرىم سۇدا پىشۇرۇپ ھەركۈنى بىر ۋاخ ئىستېمال قىلغاندا ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى قان ئازلىقىنى داۋالايدۇ.
7.  چىلان بوتقىسى
10 تال چىلان ۋە 100 گىرام قاينىتىلغان يۇمىلاق شال گۈرۈچى بوتقىسى ئۇماچ قىلىپ ئىچكەندە، ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى قان ئازلىقىنى داۋالايدۇ.
8. كۈنجۈت بوتقىسى
قارا كۈنجۈت 100 گىرام، قۇرۇتۇپ ئۇۋۇتۇپ، 100 گىرام گۈرۈچ بىلەن قوشۇپ ئۇماچ قىلىپ ھامىلىدار ئايالغا دائىم ئىچكۈزۈپ بەرسە، ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى قان ئازلىقىنى داۋالاشتا قوشۇمچە رول ئوينايدۇ.
9. ئالقات بوتقىسى
ئالقاتتىن 30 گىرام، گۈرۈچتىن گىرام قوشۇپ ئۇماچ قىلىمىز، بۇنى ھامىلىدار ئاياللارغا دائىم  ئىچكۈزسە ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى قان ئازلىقىنى داۋالاشتا قوشۇمچە رول ئوينايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى