كۆكسىنى (ئەمچەك) پەرۋىش قىلىش
يانفوندا كۆرۈش
سىزنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى قارار قىلغان-قىلمىغانلىقىڭىزدىن قەتئىي نەزەر ھامىلىدار بولغان ئالتىنچى ئېيىدىن باشلاپ ھەر كۈنى كۆكسىڭىزنى پەرۋىش قىلىشنى باشلىسىڭىز ئەمچەك توپچىسى يېرىلىشتىن كېلىپ چىققان ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم ئەمچەك توپچىسى ئولتۇرۇشۇپ كېتىشنى تۈزەتكىلى بولىدۇ.
سۈت بېزى پەرۋىشىنى ھەر كۈنى يۇيۇنغاندا قىلىشقا بولىدۇ، سوپۇن كۆپۈكىدىن پايدىلىنىپ قول ئارقىلىق پۈتۈن ئەمچەكنى چەمبەر شەكلىدە ئۇۋۇلاپ، چايقاپ قۇرغاندىن كېيىن، ئەمچەك توپچىسى ئۈستىگە سىلىقلىغۇچى ماي سۈرۈپ باش بارماق ھەم كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئەمچەك توپچىسىنى ئۇۋۇلاش ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرىدۇ.
بولۇپمۇ ئەمچەك توپچىسى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ھامىلىدار ئانا ھەر كۈنى ئون مىنۇت ئۆزىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىشى كېرەك. ئۇ ئەمچەك توپچىسىنى تىك تۇرغۇزىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئېمىتىش دەۋرىدە سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ساغلام بولغان ئەمچەك توپچىسى ئاندىن بوۋاقنى مول بولغان سۈت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئانا سۈتى ئېمىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ.
بىراق، سۈت بېزىنى ئۇۋىلىغان چاغدا قول ھەرىكىتى چوقۇم سىلىق بولۇشى كېرەك. ھامىلىدار ئانا بىر تال توم چىشلىق ياغاچ تاغاق تەييارلاپ، ياغاچ تاغاقتا ئەمچەكنىڭ ئۈستىدە ئايلاندۇرغاندىمۇ ئۇۋۇلاش رولىنى ئوينىيالايدۇ.