ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 17-ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 17-ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار

ۋاقتى: 2015-11-07 ئاۋاتلىقى: 539 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. مۇۋاپىق مىقداردا ئوزۇقلۇق مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش


ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولغاچقا، ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى ماس ھالدا ئاشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ھامىلىدار ئاياللار مول بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىشى كېرەك، مەسىلەن، ئاقسىل، ۋېتامىن، كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، مېنىرال ماددىلار قاتارلىقلار. شۇڭلاشقا تەركىبىدە بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك، تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، گۆش، دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى، كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 
2. بۇرۇندا بەزى ئارامسىزلىقلار بولۇشى مۇمكىن
بەزى ئانا بولغۇچى ئاياللاردا بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىش، بۇرۇن شىللىق پەردىسى قاناش ۋە قان تولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋاللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئاياللار  پۈركۈش سۇيۇقلۇقلىرى ياكى ئانافىلاكسىيىگە قارشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بۇ خىل ئەھۋاللار ئاستا-ئاستا ئۆزلۈكىدىن يېنىكلەيدۇ. ئەگەر بۇرۇندىن قان چىقىپ توختىمىسا، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى يېغىندا كېسەللىكى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش لازىم، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى دوختۇر چاقىرىش كېرەك. 
3. قانداق ئەھۋالدا باش سۈيى قېپىنى تېشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ
ئەگەر تۇغما دېۋەڭلىك كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرتكەندە نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا، ياكى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ خروموسۇملىرىدا بىنورماللىق بايقالسا ۋە ياكى ئىلگىرى تۇغما كەمتۈكلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان پەرزەنت كۆرگەن بولسا، دوختۇر ئانا بولغۇچىنى باش سۈيىنى ئېلىپ تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. باش سۈيى قېپىنى تېشىپ تەكشۈرتۈشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتى ھامىلىدارلىقنىڭ 16~20-ھەپتە ئارىلىقىدا بولىدۇ.
4. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي يول تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.   
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئادەت توختايدۇ، ئاياللارنىڭ ئاۋارىچىلىقى ئازىيىدۇ. لېكىن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىپ، ئانا بولغۇچىنى تولىمۇ ئارامسىزلاندۇرىدۇ، بەزى ئاياللار ئاجرالمىلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تازىلىق تەگلىك قەغىزى ئىشلىتىدۇ، بۇ توغرا ئۇسۇل ئەمەس. ھەر قانچە ياخشى تەگلىك قەغىزىمۇ قىسمەن ئورۇننىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئانا بولغۇچى يەنىلا ساپ پاختىدىن ئىشلەنگەن ئىچ ئىشتان كىيىپ، كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ئالماشتۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا ئالماشتۇرغان ئىچ ئىشتىنىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ، ئاپتاپقا سېلىش كېرەك. 
5. قورساق تېرىسى قىچىشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
قورساقنىڭ تېرىسى دائىم سوزۇلۇپ تۇرغاچقا قورساق قىچىشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئانا بولغۇچى ھەر ۋاقىت پۈتۈن بەدەن تېرىسىنىڭ نەملىكى ساقلىشى كېرەك، كۆپرەك سۇ ئىچىش، ئۆي ئىچىنىڭ نورمال تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قول بىلەن قاشلىماسلىق، سوپۇننى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتمەسلىك، بەك قىزىق سۇدا يۇيۇنماسلىق كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى