ھامىلىدارلىقنىڭ 35-ھەپتىسىدىكى ئاتا بولغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 35-ھەپتىسىگە كىرگەندىن كېيىن ئۆيدە باشقىلار يوق چاغدا تۇيۇقسىز تولغاق تۇتۇش ياكى باش سۈيىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاتا بولغۇچىلار چوقۇم ئايالى بىلەن جىددىي پەيتتە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئورنىتىشى، تېلېفوننى داۋاملىق يېنىدىن ئايرىلماسلىقى، ئەڭ ياخشىسى ئايالىغا ئالدىن كېلىشىپ قويغان تاكسى شوپۇرىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ياكى يېقىن ئەتراپتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى يېزىپ بېرىشى لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا بۇلارنىڭ ياردىمىدە تېزدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ئايالىنىڭ تۇغۇتىغا ھەمراھ بولۇش ھازىر ئانچە يېڭىلىق بىلىنمەيدىغان بولدى، ئەرلەرنىڭ ئايالىنىڭ تۇغۇتىغا ھەمراھ بولۇش ئاياللار ئۈچۈن ناھايىتى زور قوللاش، بىراق ئايالىڭىزنىڭ تۇغۇتىغا ھەمراھ بولۇشتىن بۇرۇن سىزدە چوقۇم يېتەرلىك ئىدىيەۋى تەييارلىق بولۇشى كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش تەس، ئەگەر ئەرلەر ئايالىنىڭ تۇغۇتىغا ھەمراھ بولغاندا ئايالىنىڭ جاپاسىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ ئايالىنى تېخىمۇ ئاسرايدىغان تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولىدۇ. ئەگەر سىزمۇ ئايالىڭىزنىڭ تۇغۇتىغا ھەمراھ بولۇشنى ئويلىغان بولسىڭىز ئايالىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.