ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار كومپيۇتېر ئىشلەتسە تەسىرى بولامدۇ؟(1)

ھامىلىدار ئاياللار كومپيۇتېر ئىشلەتسە تەسىرى بولامدۇ؟(1)

ۋاقتى: 2015-05-13 ئاۋاتلىقى: 959 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىشىلەر دائىم كومپيۇتېر قويۇپ بەرگەن رادىئاتسىيەگە سەل قارايدۇ، خەلقئارالىق رادىئاتسىيەدىن قوغدىنىش بەلگىلمىسىگە ئاساسلانغاندا: 50cm ئارىلىقتىكى رادىئاتسىيە مىقدارى چوقۇم25v/m دىن كىچىك بولۇشى كېرەك.
 بىراق سىز كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيەسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى بىلەمسىز؟ كونۇپكا تاختىسى 1.  1000v/m
2. مائۇس 450v/m 3. ئېكران 218 v/m 4. ئاساسىي ئاپپارات 170 v/m  5. خاتېرە كومپيۇتېر 2500 v/m.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيەسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە 8 چوڭ زىيىنى بار:
ھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.


ھورموننىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كالىتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دېۋەڭلىك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئېلېكتر-ماگنتقا قارىتا زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە سىز ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ تۆۋەندىكى تۆت چوڭ خەتىرىگە  دىققەت قىلىشىڭىز لازىم.
ئېلېكتر –ماگنىت رادىئاتسىيەسىدىن بۇلغىنىش ئادەم بەدىنىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى، كۆپىيىش ۋە مېتابولىزم ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ،  ئېغىر بولغاندا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىدىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپيىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
ئادەمنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاساسلىقى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ناچارلاپ كېتىشى، ئاياللاردىكى تەبئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ھامىلىنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇپ قىلىشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
 ئادەمنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاساسلىقى يۈرەك سىقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، بەزى ئاياللاردىكى ئادەت قالايمىقانلىشىش، يۈرەكنىڭ سۇقۇشى زىيادە ئاستا بولۇش، يۈرەكنىڭ قان ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى زىيادە ئاستا بولۇش، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ئازىيىپ كېتىش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئادەمنىڭ كۆرۈش سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، چۈنكى كۆز ئادەم بەدىنىدىكى ئېلېكتر ماگنىت رادىئاكسىيەسىگە سەزگۈر ئەزا، ئارتۇق مىقداردىكى ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيەسى ئادەمنىڭ كۆرۈش سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاساسلىقى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى