ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىز-ئاياللارغا تەۋسىيەلىك تەكلىپ

قىز-ئاياللارغا تەۋسىيەلىك تەكلىپ

ۋاقتى: 2016-08-16 ئاۋاتلىقى: 938 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. تولا گەپ قىلىپ كوتۇلداشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئورۇنسىز ئىشلارغا كوتۇلداپ يۈرۈپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان ئاياللار ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى تەكرارلاش ھاجەتسىز. شۇنى بىلىڭكى، كوتۇلداش باشقىلارنىڭ سىزدىن بىزار بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئورنىغا سىز ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىڭ.  
2. ئۆزىڭىزنىڭ ئېتقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە ھايات يولىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ياخشى كىتابلارنى ئوقۇڭ. پايدىسىز كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ. بىلىملىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىڭ، سۆھبەت جەريانىدا ئازراق سۆزلەپ، كۆپرەك قۇلاق سېلىڭ.  
3. ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىلا باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرۈش ياخشى ئادەت ئەمەس، بۇنداق ئىشلار كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزدە يالغانچىلىق ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيسىز.


4. كىشىلەر ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىپ ئۆز-ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ، ئۇنداق بولىدىكەن ئويلىمىغان يەردىن ئۇياتقا قالىسىز.  
5. يۇقىرى ئاۋاز، قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ. شۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭكى، سىز بىر ئايال، ئەگەر سىز ئاۋازىڭىزنى بارىچە قويۇۋېتىپ، قوپاللىق بىلەن-سۆزلىسىڭىز ئاياللارغا خاس جەلىپكارلىقىڭىزنى يوقۇتۇپ قويىسىز.
6. بىر ئايال ئۈچۈن ۋۇجۇدىدىن ئاياللىق مەنالىرىنىڭ يوقۇلۇشى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش.
7. ئۇلۇغلارنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ سۆزلەڭ. ياخشى، مەنپەئەتلىك گەپ بولسا قىلىڭ، بولمىسا شۈك تۇرۇڭ.  
8. ھەرگىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەڭ، سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە ئەدەپ بىلەن قۇلاق سېلىڭ. باشقىلار سۆزلەپ بولغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسلۇب بىلەن گەپ باشلاڭ، سىزنىڭ سۆزنى قانداق باشلىغانلىقىڭىز، گاھىدا سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزنى ئېچىپ بېرىدۇ.  
9. باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ، دوراپ گەپ قىلماڭ. شۇنى بىلىڭكى، ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا، ئون بەشى ئايدىڭ بولىدۇ. <<كىشىگە سانساڭ ئۆزگە، قاشقا سانىساڭ كۆزگە>>دېگەن گەپ بار. بىر كۈنلەردە ھايات سىزنى، پەرزەنتىڭىزنى ياكى قېرىنداشلىرڭىزنى سىز مەسخىرە قىلغان كىشىلەردەك تەقدىرگە دۇچار قىلىپ قويسا قانداق قىلىسىز؟ 
10. گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى قىلماقچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ بېقىڭ. سۆز قىلىشتا مەسئۇلىيەت بۇلۇشى كېرەك. سۆزلىرڭىزدىن ياخشىلىق تېمىپ تۇرسۇنكى، رەزىللىكنىڭ ھىدى زادىلا پۇرىمىسۇن. ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ <<سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن، چىقىپ بولغاندىن كېيىن مىس بولىدۇ. >> دېگەنىكەن.
11. بىلىم ئېگەللەش ياخشى ئىش ۋە ئۇلۇغ يول، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىڭىز بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ. بىلىم ئىگەللەشتىن مەقسەت دىپلوم ئېلىش خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ياكى پۇل تېپىشلا ئەمەس، بەلكى ھەق-نەھەقنى چىن مەنىسىنى بىلىپ، توغرا تەلىم-تەربىيە يوللىرىنى ئىگەللەش. شۇڭا بۈيۈكلۈك ئۈچۈن ھەر دائىم ساپ دىللىق بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.  
12. بىلىمى يوق، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇيالمىغان مەسخىرە قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ. كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىڭ.  
13. قۇلىقىڭىز ھەقىقەتنى ئاڭلاش ئۈچۈن يارىتىلغان، بولمىغۇر، قۇرۇق گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالماڭ. 
14. جاھاننىڭ نەرىگىلا بارماڭ سىز مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزىسىز. سىزنىڭمۇ جاھان خەلقىگە ماختانغۇدەك ئىسىل كىيىملىرىڭىز بار، سىزنىڭ گۈزەللىگىڭىز، لاتاپىتىڭىز پەقەت مىللى كىيىم-كېچەك بىلەنلا تېخىمۇ يارقىن نامايەن بولىدۇ.  
15. ئۆزگىلەرنىڭ تەپەككۇرى بىلەن لايىھەلەنگەن مودا كىيىملەرنى كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. بەدىنىڭىز كۈرۈنۈپ تۇردىغان كىيىملارنى كىيمەڭ، يېپىشقا تېگىشلىك جايلىرىڭىزنى يېپىپ يۈرۈڭ.  شۇنى ئۇنۇتماڭ ھەر قانداق نەرسە قانچە يۇشۇرۇن بولسا شۇنچە سىرلىق ۋە جەلىپكار بولىدۇ. سىز كىيىملىرىڭىزنى كۈندىن-كۈنگە قىسقارتىۋاتقاندا، سىز بىلەن بىر جىنىس بولغان ئەۋلادلىرىڭىزنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ. ھەممىسى سىزنىڭ دەۋرىڭىزدىلا قىسقىراپ كەتسە، ئۇلار قىسقارتقاننى سېلىپلا ئاتمىسۇن.  
16. دوستلىرىڭىز بىلەن ئولتۇرغاندا ئېغىزىڭىزدىن ھەقىقەتنىڭ دۇردانىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرسۇن. سۆھبىتىڭىزدىن ھەممە مەمنۇن بولسۇنكى، ھېچكىم ھەسرەتلەنمىسۇن. 
17. سورۇنلاردا كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ، ئەيىبىنى ئاچماڭ، ئۇ تولىمۇ ئەخلاقسىزلىقۋە ئېغىر گۇناھ ئىشتۇر. 
18. سورۇندا باشقىلار خاتا گەپ-سۆز ياكى بولمىغۇر قىلىقلاردا بولسا، كىشىلەر يوق يەردە چىرايلىق نەسىھەت قىلىڭ ۋە ئۇنى تەسىرلەندۈرۈڭ. 
19. ئۈيىڭىزدە چۇقۇم بىر كىچىك كىتابخانا بولسۇن، ئۇنىڭدىن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتلەنسۇن. كىتابخانىڭىزدىكى كىتابلار ئۇنۋېرسال بولسۇن. ئېتىقاد، نىكاھ، ئائىلە، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ھەتتا تېببىي ساھەدىكى كىتابلارمۇ بولسۇن. كىتابخانىڭىزدا  تارىخقا دائىر كىتابلارنىڭ بولماسلىقى كىتابخانىنىڭ چوڭ كەمچىللىگىدۇر. مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر كىتابخانىنىڭ ئۆزگىچە گۈلىدۇر.  
20. كوچىدا ئورۇنسىز لاغايلاپ يۈرمەڭ، بۇ ئۆيگە بېكىنۋېلىڭ دېگىنىم ئەمەس. سىزنىڭ بارلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە بايلىق ۋە شەرەپ، مىللەتكە نىسبەتەن پەخر ۋە ئابروي. سىز ئۆزىڭىزنىڭ غۇنچە، قىزىل گۈل دەپ سۈپەتلىندىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. كوچىدا ماڭسىڭىز ئۇياق-بۇياققا تولا قارىماڭ، قاقاقلاپ كۈلمەڭ، بىر نەسە يەپ ماڭماڭ، سېغىز چاينىماڭ. بۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلەرگە نۇمۇس تۇيغۇسى يوق ئادەمدەك تەسىر بېرىپ قويىسىز.  
21. ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىڭ.  
22. ۋاقىت كۆز قارىشىنى تىكلەڭ 
23. نەسەب جەھەتتىن سىزگە يېقىن بولغان بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرۇڭ. پۇلى بارغا بىر خىل، پۇلى يوققا يەنە بىر خىل قاراشتىن ھەزەر قىلىڭ.  
24. كوچىلاردىكى بىكار تەلەپ، ناچار ئادەملەرنى كۆرۈپ مەيۈسلەنمەڭ، جاھان بۇزۇلۇپتۇ دەپ ئارقىغا چېكىنمەڭ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ. ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەم، ئۇلارمۇ ھاياتقا ئاران بىر قېتىم كېلىدۇ.  
25. ئۆزىڭىزدە مېھرىبانلىقنى يېتىلدۈرۈڭ، ھەتتا ئۇچار قۇش، جان-جانىۋارلارغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، تەبىئەتنىڭ بىزدە ھەققى كۆپ.  
26. ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئۇلارنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئېسىڭىزدىن زادىلا چىقارماڭ. ئانىڭىزغا كۆپرەك ھەمكارلىشىڭ، شۇندىلا سىز كەلگۈسىدە بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشقا مەلۇم ئاساس سالالايسىز.  ` 
27. ھۇرۇنلۇقتىن ھەزەر ئەيلەڭ، ئىشچانلىقىڭىز ئىش-ھەرىكىتىڭىزدە ئىپادىلەنسۇن، ھەممە يېرىڭىزدىن پاكىزلىق تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.  
28. كۈلۈمسىرەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ باشقىلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
29. ھەرگىز ئاچچىقلانماڭ. بۇ ھېچكىمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. 

مەنبە: شەبنەم ئۈندىدار سالونى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى