ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا بالىلار زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بالىلار زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-07-22 ئاۋاتلىقى: 598 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قانداق قىلغاندا بالىلار زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

(1) ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش: تەبىئىي ئامىللاردىن پايدىلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىنـتايىن مۇھىم. مەسىلەن،داۋاملىق دېرىزىنى ئوچۇق قويۇپ ئۇخلاش، سىرتقى پائالىيەتلەر، تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاكتىپ ئۇسۇللار بولۇپ، پەقەت ئۈزلۈكسز داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرغىلى، نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

(2)تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئامىللاردىن ساقلىنىش: كىيىم بەك ئاز ياكى بەك قېلىن، ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى بەك يۇقىرى ياكى تۆۋەن، ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە پاسسىپ تاماكا چېكىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈنكى نەپەس يولى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

(3)ئۆزئارا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: بىمارلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قولىنى يۇيۇش، ئامال بار ئايرىش كىيىمىنى كىيىش كېرەك. ئايرىش بالىلارنى قوغداپلا قالماي، كېـسەل بالىلارنىڭ ئەگەشمە كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە بالىلارنى ھاۋالە قىلىش ئورنى ھەمدە دوختۇرخانىلار ئىجرا قىلالايدۇ، ئائىلىدە  قۇرامىغا يەتكەن بىمارلار ساغلام بالىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كېسەلخانىلاردا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى ، تېمپىراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇشى، بالنىستتىن چىققان بىمارلارنىڭ كارىۋىتىنى دېزىنفىكسىيە قىلىشى ھەمدە بوش كارىۋاتلارنى پاكىز تۇتۇشى، يېڭى كىرگەن بىمارلارغا ئاسانلىق ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى