ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

رادىياتسىيەنىڭ تەسىرى

رادىياتسىيەنىڭ تەسىرى

ۋاقتى: 2015-12-20 ئاۋاتلىقى: 577 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

X نۇرىدا تەكشۈرۈش: ئادەتتە ھامىلىدار ئايال ئەگەر زىيادە كۆپ بولغان  X نۇرنى قوبۇل قىلغاندا، ھامىلە بېشىنىڭ كىچىك ئۆسۈپ قېلىشى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، قان ياساش سىستېمىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كەمتۈكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 18-20 كۈن ئىچىدە X نۇرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن؛ ھامىلىدار بولۇپ 20-50 كۈن ئىچىدە X نۇرىدا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ھامىلىنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسى، كۆز، سۆڭەك قاتارلىق جايلىرى ئېغىر دەرىجىدە غەيرى ئۆسۈپ قېلىشى مۇمكىن، ھەتتا ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىلاج بار  X نۇرىدا تەكشۈرتمەسلىك، بولۇپمۇ رېنتىگىنگە چۈشمەسلىك كېرەك، چۈنكى رېنتىگىنگە چۈشكەندىكى رادىياتسىيە مىقدارى رەسىمگە تارتقاندىن خېلىلا كۆپ بولىدۇ. قىلمىسا بولمايدىغانلار، قورساق قىسمىنى قوغۇشۇن كۆينەك بىلەن قوغدىشى كېرەك، ھەمدە ئەڭ ياخشىسى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.



كومپيۇتېر: كىشىلەر شۇنى بايقىدىكى، كومپيۇتېرنىڭ ئەتراپىدا تۆۋەن چاستوتىلىق ماگنىت مەيدانى پەيدا بولىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇزاق مۇددەت كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بويىدىن ئاجراشنىڭ خەتەرلىك نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، غەيرى ئۆسۈپ قېلىشقا كەلسەك، ھازىرچە بىردەك قاراش يوق، تېخىمۇ كۆپ بولغان ماتېرىياللار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشقا موھتاج . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنە ئۆلچىشىگە قارىغاندا، كومپيۇتېرنىڭ يان تەرىپى ۋە ئارقا تەرىپىنىڭ رادىياتسىيەسى ئالدى تەرىپىدىن كۈچلۈك بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇزۇن ۋاقىت بىر خىل شەكىلدە كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا، يۈرەك، قان-تومۇر، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ، داس بوشلۇقى ئاستى مۇسكۇلى ۋە مەقئەت كۆتۈرگۈچى مۇسكۇلىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ نورمال يەڭگىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:  ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا، ئىلاجنىڭ بېرىچە كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى ئازايتىش، قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا ئالمىشىشىغا ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ياكى ھەرىكەت قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى