5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(3)
يانفوندا كۆرۈش
5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(3)
بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ ھېسسىيات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى يېتىلىش كۆرسەتكۈچى:
بەش ئايلىق بوۋاق ئانىنىڭ ياكى تونۇش كىشىنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئاۋازىنى ئاڭلىسا خۇشال بولۇپ كېتىدۇ، كۈلۈمسىرەپلا قالماي بەزىدە يەنە ئاۋاز چىقىرىپمۇ كۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بوۋاق بولسا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. بۇ مەزگىلدە بوۋاق دائىم كۈلۈمسىرەيدۇ، يەنە تېخى بوۋاق ئاغرىپ قالغان ۋە بىئارام بولغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا، ھەر كۈنى ئۇزاق ۋاقىت خۇشال كۈلۈمسىرىشى ئۇنىڭ ۋە سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ بېيتىدۇ. بۇ مەزگىل ئاتا-ئانا بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتنى ئورنىتىدىغان مەزگىل.
ئانا-بالىلار تورى ئەسكەرتىشى
بوۋاق ئۆرۈلەلەيدىغان بولدى، ھەرخىل ھادىسلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭىيىدۇ، بوۋاقنىڭ كارىۋاتتىن يىقىلىپ چۈشۈشى دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بوۋاقنىڭ ئەتراپىغا خەتەرلىك نەرسىلەرنى قويۇپ قويماسلىق كېرەك. مەسلەن، قايچا، دەزمال، چايدان، پىچاق قاتارلىق قاتتىق نەرسىلەر، بوۋاق نەرسىلەرنى ئېغىزىغا سېلىۋالىدۇ، شۇڭا بوۋاق ئېغزىغا سالالىغىدەك كىچىك نەرسىلەرنى بوۋاقنىڭ ئەتراپىغا قويماسلىق لازىم. پىلاستىرنىمۇ بوۋاقنىڭ قېشىغا قويماسلىق لازىم. پىلاستىر بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بەك خەتەرلىك.
ئاتا-ئانىسى دائىم بىخەتەرلىكنى ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم. ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىشلارنى ئويلاپ، تاسادىپىي ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.