ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سېمىزلەرنىڭ ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى ئوزۇقلىنىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش لايىھەسى

سېمىزلەرنىڭ ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى ئوزۇقلىنىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش لايىھەسى

ۋاقتى: 2016-06-10 ئاۋاتلىقى: 746 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەدەن ئېغىرلىقى ئادەمنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمدۇر. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقى ياكى ئەمەسلىكىگە ئاساسەن ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى تەڭشىسە بولىدۇ. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن، بەك سېمسىز بولۇش ھامىلىدار بولۇشقىلا پايدىسىز بولۇپ قالماي، يەنە ئانىغا ۋە بالىغا زىيانلىق بىر ئىشتۇر. ئۇنداقتا سېمىزلەر تۇغۇتتىن بۇرۇن بەدەن ئېغىرلىقىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك؟
ئاۋۋال، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ ئىلمىي، ساغلام بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش بىلەن بىرۋاقىتتا ھەركۈنى سۈمۈرۈلىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، يەنى تۆۋەن ئېنېرگىيە ۋە ماي، مۇۋاپىق ئاقسىل بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل ۋە ماينىڭ تەمىنلىگەن ئېنېرگىيە مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %65-%60، %20-%15، %25 بولۇشى، ماينى ئازايتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك. 

تاماقنى بەك تويۇنۇپ يېمەسلىك، 8-7 ئۆلۈش تويسىلا بولدى، تولۇق چايناپ، ئاستا يۇتۇش، تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، بولۇپمۇ ماي مايسىز يېمەكلىكلەرنى تاللاش، كىچىك قاچىلاردا تاماق يېيىش ئارقىلىق تويۇنۇش ھېسسىياتىنى كەلتۈرۈش، ھەر ۋاقلىق تاماقنى ئالدىن پىلانلاش، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش ئارقىلىق ئاچلىقنى بېسىش، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئورۇقلاش خىيالىدا بولماسلىق كېرەك. 
ئىككىنچىدىن بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
ھەرىكەت قىلغاندا ئاز ۋە ئوتتۇرا ھال مىقداردىكى ھەرىكەت بىر قەدەر مۇۋاپىق، چۈنكى ھەرىكەت جەريانىدا ئوكسىگېن سەرپىياتى ئاشىدۇ ھەمدە بىر نەچچە سائەتكىچە شۇ يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلايدۇ، شۇنداقلا جىددىي ھەرىكەتلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ، مەسىلەن تېز قەدەملەپ مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، پەي توپ ئويناش ۋە ئۇسۇل ئويناش قاتارلىقلار.
بەدەن ئېغىرلىقى بەك يەڭگىل بولسىمۇ بولمايدۇ.
ھازىرقى ئاياللارنىڭ تولىسى ئەۋرىشىم بەدەننى قوغلىشىپ، دائىم دېگۈدەك ئۆزىنى يېمەكلىكتىن قىسىپ، بەدەندىكى مەلۇم خىل ئوزۇقلۇقنىڭ كەمچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىش ياكى ئۇرۇقلىنالماسلىقى ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە، تۇخۇمنىڭ ھاياتى كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، ياكى ھەيز نورمالسىزلىشىدۇ، نەتىجىدە ھامىلىدار بولۇشنى قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەمدىلا يېتىلگەن ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى دەل يۈرەك، جىگەر، ئۈچەي ۋە ئاشقازان قاتارلىق مۇھىم ئەزالارنىڭ يېتىلىدىغان مۇھىم مەزگىلى، مېڭىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا يېتىلگەچكە، ئانا تېنىدىن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈشكە ئېھتىياجلىق، شۇڭا بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار ئانا تېنىدە ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تەييارلىنىشى كېرەك، بولمىسا ھامىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ، مەسىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كىچىك بولۇش نىسبىتى ئېشىش  ياكى غەيرى يىغىلىش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى سۈتنىڭ يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا تەسىر يېتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى