ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئاي مەزگىلىدە چوقۇم ھاراق-تاماكىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك
يانفوندا كۆرۈش
ئەسكەرتىش: بۇ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىيال، بىز مىللىتىمىز ئارىسىدا ئۇنداق كىشىلەرنى كۆپ دېمەيمىز، پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن يوللىدۇق!
تاماكا چېكىش ياكى ۋاستىلىك سۈمۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ھامىلىنڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار تاماكا چەكمەسلىكى، تاماكا ئىسى بار مۇھىتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئىسپىرت بولسا غەيرىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب، ھاراقكەش ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرىغان بولىدۇ. ئاياللار ھاراق ئىچسە بالىلارنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، ئىسپىرت يىغىندى كېسەللىكى كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بالىلارنىڭ يېتىلىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قەتئىي ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.