مېۋە تەملىك سەۋزە شەربىتى
ۋاقتى: 2016-06-27
ئاۋاتلىقى: 746 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلار: سەۋزىدىن بىر تال، يېرىم تال ئالما، ئاق شېكەردىن بەش گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. سەۋزە بىلەن ئالمىنىڭ پوستىنى ئاقلاپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن كىچىك كۇب شەكىلدە توغرايمىز، ئۇلارنى قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۈزۈك سۇ قۇيۇپ، تەخمىنەن 20 مىنۇت قاينىتىپ پۇشۇرىمىز. پاكىز داكا بىلەن سۈزۈپ، قالدۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، سۈيىگە ئازراق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە ئىستېمال قىلسىلا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: سەۋزىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان β-كاروتىن بولۇپ، ئېپىتېلىيە توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ نۇرغا بولغان سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن سەۋزىنىڭ بىر خىل باشقىچە پۇرىقى بولغاچقا، بوۋاقلار تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئالما ئارىلاشتۇرۇپ، مېۋە تەملىك سەۋزە شەربىتى تەييارلىغاندا، ھەم تەملىك ھەم قۇۋۋەتلىك بولىدۇ. بوۋىقىڭىز ئۈچ ئايلىقتىن ئاشقاندىن كېيىن بۇخىل شەربەتنى ئاز مىقداردىن بەرسىڭىز بولىدۇ، دەسلەپتە ئىلمان قايناقسۇ بىلەن سۇيۇلدۇرۇپ ئىچكۈزسىڭىز بولىدۇ.