ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ناترىي تۇزنى ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىش، ھەر كۈنى 5 ـ 3 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش، مەسىلەن شورپا، تەم تەڭشىگۈچ، تەييارچۆپ شورپىسىنىڭ ماتېرىيالى؛بارلىق تۇزلىغان يېمەكلىكلەر ، سۈرلەنگەن يېمەكلىكلەر ، تۇزلانغان كۆكتات، جىياڭيۇغا چىلانغان كۆكتات؛ كونسېرۋا قىلىنغان گۆشلەر، بېلىق، كۆكتات؛ سىرتتىن سېتىۋالغان مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ، مەسىلەن پىسا، مايدا پىشۇرۇلغان مەككە چامغۇرى، كولباسا قاتارلىقلار.
جىياڭيۇنىمۇ كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، 6ml جىياڭيۇ 1 گىرام تۇزغا تەڭ بولىدۇ. ئەگەر تۇزلۇق تاماققا كۆنگەن بولسا، ناترىي تۇزنىڭ ئورنىغا ئاز بىر قىسىم كالىي تۇز ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە تاماقتىكى تۇز كەملىكنى ياخشىلايدۇ. يەنە پىياز، زەنجىۋىل، سامساق قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تەم ھاسىل قىلىپ ئىشتىھانى قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش لازىم، مەسىلەن يۇقىرى ئاقسىل، يۇقىرى كالتسىي ، يۇقىرى كالىي ۋە تۆۋەن ناترىيلىق يېمەكلىكلەر، ھەر كۈنلۈك ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 100g، ئاش تۇزى ھەر كۈندە 5g دىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. ئاندىن ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدارلار بېلىق، گۆش، تۇخۇم، سۈت ۋە يېڭى كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىشى، تۆمۈر ۋە كالتسىي ماددىسىنى تولۇقلىشى، ھەددىدىن زىيادە تۇزلۇق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىشى لازىم.