ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ خۇلاسىسى (1)

ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ خۇلاسىسى (1)

ۋاقتى: 2014-06-29 ئاۋاتلىقى: 664 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ خۇلاسىسى(1)  

ھامىدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغانلىقتىنمۇ ياكى ھامىلدارلىق رېئاكسىيەسىمۇ؟ بۇ نېمە ئىش؟

ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھامىلدار بولۇپ 12 ھەپتىدىن كېيىن ، ھامىلدارلىق رېئاكسىيەسى قاتارلىقلار ئاجىزلاشقا باشلايدۇ ، بىراق، بەزى ھامىلدارلىق رېئاكسىيەسىنىڭ ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن.

ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغاندا ھامىلىنىڭ ھەرىكەت قىلغىنىنى بىلگىلى بولامدۇ؟

ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ، ھامىلدار بولغىلى سەككىز ھەپتە بولغاندا تۆرەلمە ۋە ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھامىلدار بولغىلى 6-7 ھەپتە بولغاندا تۇخۇم سېرىقى خالتىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 18-20 ھەپتىگىچە بولغاندا ھامىلە ھەرىكەت قىلىدۇ.

ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغاندا يىلان ئوتنى ئۇقماي يەۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەنسىرىشىڭىز ھاجەتسىز، ئەگەر ھامىلە چۈشۈرگەن ئىز بولمىسا، ئۇنداقتا چوڭ مەسىلە يوق. بىراق، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىپ، ئېنىقبولمىغان نەرسىلەرنى ئاسانلىقچە يېمەسلىك كېرەك.

ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغاندا ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ھامىلدار ئايال بىر ئادەم ئىككى ئادەمنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تولۇقلاشتىن باشقا يەنە بىر ئادەم كېسەل بولسا ئىككى  ئادەمنىڭ كېسەل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلدار ئايال ئادەتتە سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى بار بولغان ئىچـىملىكنى ئىچسە بولىدۇ. بۇنداقتا ئۈچەي يولىنىڭ ئممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاشقازان–ئۈچەي رېئاكـسىيەسى كۆرۈلسە ئېھتىيات قىلىش كېرەك، دوختۇربىلەن زىچ  ئالاقىلشىپ داۋالانسا ئاندىن ئانا -بالا بىخەتەر بولىدۇ.
 
ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغان ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟
     
ئادەتتە بىرىنچى قېتىم ھامىلدار بولغىلى 18 -20 ھەپتىگىچە بولغاندا ئاندىن ھامىلە ھەرىكىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. يەنە بەزىلىرى 16-18 ھەپتىگىچە بولغاندا ھامىلە ھەرىكىتىنى سەزگىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى