ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولغاندا كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولغاندا كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 722 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولغاندا كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

Q: ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ھامىلىگە بولغان تەسىرى قانداق؟

A: ئادەتتىكى زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرقەدەر يېنىك، مەسىلەن بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش، بۇنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، دورا ئىشلىتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، بىر نەچچە كۈن ئارام ئالسلا ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بىراق ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە(5-14ھەپتە) ئاساسلىق ھامىلە ئەزالىرىنىڭ يېتىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، ئەگەر تارقىلىشچان زۇكام بولۇپ قالسا، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولسا ھامىلىگە بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ، بۇ ۋاقىتتا دورا ئىشلىتىش ھامىلىگە خەتەر ئېلىپ كېلىش مۇمكىن.

Q: زۇكام بولغاندىن كېيىن ھامىلدار بولۇپ قالسا تۇغۇش كېرەكمۇ؟

A: ئىندىۋىدنىڭ ھامىلدار بولۇشقا سەزگۈرلىشىدىغان ۋاقتى بولسا، ھامىلدارلىقنىڭ 6-10ھەپتىسى ئىچىدە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ياخشى بولمىغان غىدىقلاشلار ئىندىۋىتقا بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ، ئەگەر يۇقۇملانغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن  بولسا چوڭ مەسىلە يوق.

Q:ھامىلدار ئايال زۇكام بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك، دورا ئىشلەتسە بولامدۇ؟

A: ئادەتتىكى زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرقەدەر يېنىك، مەسىلەن بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش، بۇنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، دورا ئىشلىتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، بىرنەچچە كۈن ئارام ئالسلا ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بىراق ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (5-14ھەپتە) ئاساسلىق ھامىلە ئەزالىرىنىڭ يېتىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، ئەگەر تارقىلىشچان زۇكام بولۇپ قالسا، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولسا ھامىلىگە بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ، بۇ ۋاقىتتا دورا ئىشلىتىش ھامىلىگە خەتەر ئېلىپ كىلىش مۇمكىن.

ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ تېنىدىكى ئېنزىملاردا بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، بەزى دورىلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. دورىلارنىڭ زەھەرلىك خۇسۇسيىتىنى ئاسان يوقاتقىلى ۋە چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا يىغىلىپ قېلىپ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلە ئەزالىرى  يېتىلىۋاتقاندا، دورا قالدۇقلىرى ھامىلىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا زۇكام بولغاندا ئەڭ ياخشىسى دورا يىمەسلىك كېرەك. ئەمما بەزى كېسەللەرنىڭ تەسىرى دورىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋاقتىدا مۇۋاپىق دورا ئىشلىىش لازىم. 

ئاساسلىق دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى: 

زۇكامغا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنىڭ كۆپ قىسمى، مۇرەككەپ ياسالما دورىلار، كۆپ خىل تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن، دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن كۇەيكې، كېگەنكاڭ، كاڭبىدې، بەيجياخېي، كاڭتەيكې، گەنماۋتۇڭ قاتارلىقلار بار، بۇ دورىلارنىڭ كۆپ قىسمى  گىستامىن دورا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقتىن تۆت ھەپتە بۇرۇن. زۇكام دورىلىرى ئاسلىق كېسەلگىلا بېرىلگەن دورا بولۇپ، پەقەت يۈزەكى داۋالاپ يىلتىزىدىن داۋالىمايدۇ، ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ بىخەتەر ئەمەس، شۇڭا مۇئەللىپ ھامىلدار ئاياللارغا زۇكامغا قارشى دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك تەكلىپىنى بېرىدۇ. 


ۋىروسقا قارىشى دورىلار. ئوخشاشلا ھامىلىگە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئىشلەتمەسلىكى لازىم. ئەگەر ئىشلىتىش زۆرۈر بولغاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىشى لازىم. 

قىززىتما قايتۇرغۇچى دورىلار. زۇكامغا قىززىتما ئەگەشكەن بولىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىر بولغاندا چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم. شياۋيەنتۇڭ بولسا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشى چەكلەنگەن قىززىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنىڭ بىرى، ئاسپىلىننى ھامىلدار بولۇپ 32 ھەپتىدىن كېيىنمۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 

باكتېرىيەگە قارشى تۇرغۇچ. ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولغاندا، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئىسپاتى بولمىسا، مەسىلەن بادامبەز ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم،    سېرىق بەلغەملىك يۆتەل،  قويۇق پوتلا ئېقىش قاتارلق ئەھۋاللاردا باكتېرىيەگە قارشى تۇرغۇچنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى باكتېرىيەگە قارشى تۇرغۇچ بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىلە تېنىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، %20~%40كىچە ھامىلىگە خەۋپ كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى بار، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىخەتەر بولغان باكتېرىيەگە قارشى تۇرغۇچنى تاللاش كېرەك.

شۇڭلاشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلدە ھامىلدار ئاياللار كۆپرەك ئارام ئېلىشى، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى لازىم. كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشچان مەزگىلىدە شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، ئادەم زىچ سورۇنلارغا بارماسلىق زۇكام بولۇپ قالغانلار بىلەن ئۇچراشماسلىق، ئائىلىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، ئىسسىقلىقنى ساقلاش، نەملىك مۇۋاپىق بولۇش، دائىم ئۆيدە ئاچچىقسۇ قاينىتىپ بېرىش، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش، كېسەلگە بولغان ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. تاسادىپىي زۇكام بولۇپ قالغاندا جىددىيلىشىپ قالايمىقان ئۇسۇل، دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى