ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدا ئاياللار زۇكامدىن قانداق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك

ھامىلدا ئاياللار زۇكامدىن قانداق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك

ۋاقتى: 2015-08-14 ئاۋاتلىقى: 1027 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدا ئاياللار زۇكامدىن قانداق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك

1. قارا شېكەر سۈيى، تاتلىق ئۇيقۇ

ئانا بولغۇچىلار سوغۇق ياكى زۇكام بولغاندەك تۇيغۇدا بولغاندا، بىر قاچا ئىسسىق قارا شېكەر سۈيى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن قېنىپ ئۇخلاش . خام سامساق ۋە خام پىياز يېيىش زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى ئۇسۇل. سامساق كاپسۇلى بولسا سامساقتىن ئايرىپ چىقىلغان. سامساقنىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بولغاندىن باشقا، ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەرنى تىزگىنلەش رولى بار. 

2.سىنىك ۋە نەپەس يولى مۇداپىئەسى

سىنىك تەركىبى كۆپ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. سىنىك كەم بولغاندا نەپەس يولىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتدۇ، ھامىلدار ئاياللار سىنىك مول بولغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئورۇق گۆش، خۇاسىڭ مېغىزى، شىمىشكا، پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كرەك.

3. ۋىتامىن C ۋە نەپەس يولى تۈكچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى

ۋىتامىن C بولسا بەدەندىكى زىيانلىق ماددا ھىدرو پىر ئوكسىدى((H2O2نىڭ يوقاتقۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە، نەپەس يولى تۈكچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.  ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەر ياكى ۋىتامىن C تابلىتى ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قەلىمىز، مەسلەن پەمىدۇر، چىچەك سەي، كۆك مۇچ، بۆلجۈرگەن، مايمۇن شاپتۇلى، تاۋۇز، ئۈزۈم قاتارلىقلار. ۋىتامىن C قىزىتقاندا كۆپ مىقداردا يوقاپ كېتىدۇ، شۇڭا قورىغان ۋاقىتتا دىققەت قىلىش كېرەك.

4. قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش

قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىشنىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كاناي ياللۇغىغا بولغان ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. ھەركۈنى 600~800 مىللىيلېتىر قايناق سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش. 

5. تۇز سۈيىدە ئېغزىنى چايقاشپ، ھەم يېرىم ئىستاكان قايناق سۇ ئىچكەندە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قاماستىن، چىش مىلىكى ساغلاملىقغا پايدىلىق. چۈنكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چىش مىلىكىگە قان تولۇپ قالسا، ئاسانلا چىش مىلىكى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

6.سەھەردە سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇش

سەھەردە سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇش، بولۇپمۇ سوغۇق سۇدا بۇرنىنى يۇغاندا، زۇكامغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كەچتە ئىسسىق سۇدا يۈزىنى يۇيۇش، سوغۇق سۇنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇغا تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

7. ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكى %45 بولۇش.

قىشتا ھاۋانىڭ نەملكى تۆۋەن، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاۋا قۇرغاق. قۇرغاق ھاۋا ۋىروسلانىڭ نەپەس يولىدا توپلىشىپ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. شۇڭا نەملىك ئاشۇرغۇچتىن پايدىلىنىپ، ئۆينىڭ نەملىكىنى ساقلاش كېرەك.

8. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئارقىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ


ساپ ھاۋانىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، كۆپ سانلق كىشىلەر سەھەردە دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ بولۇپ پۈتۈن كۈن دېرىزىنى ئېتىپ  قويىدۇ، بۇنداق قىلىش ياخشى ئەمەس. ئەڭ ئاز بولغاندا چۈشلۈك ئۇيقۇدىن كېيىن ، كەچلىك ئۇيقۇدىن بۇرۇن ھاۋا ئالماشتۇرۇش. ھاۋا ئالماشتۇرغۇچ ئىشلەتكەن ئائىلىلەرمۇ 24 سائەت ئىشىك-دېرىزىلەرنى تاقاپ ھاۋا ئالماشتۇرغۇچقىلا تايىنىپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا، قۇياش چىققاندىن كېيىن دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر قۇياش چىقماي تۇرۇپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا، ئۆينىڭ سىرتىدىكى كاربون Ⅳ ئوكسىدى بىرقەدەر قويۇق بولغاچقا ھامىلىگە پايدىسىز. ئەگەر بۇلغۇنۇش كۆرسەتكۈچى چوڭ بولۇپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا ماس كەلمىسە، ھاۋا ساپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسدىن پايدىلىنىش كېرەك.

9. ئادەملەر توپىدىن يىراق تۇرۇش

ئىمكان بار ئادەم كۆپ توپلاشقان سورۇنلارغا بارماسلىق ياكى ئاز بېرىش. ئادەم قانچە كۆپ بولسا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

10. ۋاكسىنا ئەملەش 

دوختۇرلار ھامىلدار ئاياللارغا ۋاكسىنا ئەملەشمۇ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملىك ئۇسلى دەپ كۆرسىتىدۇ، ئەگەر زۇكام بولۇپ بولغان بولسا ئارقىغا تارتماسلىق، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرنۈش لازىم. 

11. چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم

چېنىقىش بولسا ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملىك يولى. ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم، بولۇپمۇ قۇياش نۇرى ئاستىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى