ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار گىلاس يېسە بولامدۇ؟

ھامىلىدار ئاياللار گىلاس يېسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-03-29 ئاۋاتلىقى: 952 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللار گىلاس يېسە بولامدۇ؟

گىلاسنىڭ تۆمۈر مىقدارى مېۋىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، كۆپ يەپ بەرگەندە قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ سىنتېزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. گىلاسنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ، ئاشقازان، تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، سوغۇق ۋە نەملىكنى ھەيدەپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، جاسارەتنى ئۇرغۇتىدۇ. ئىشتىھا ناچارلىشىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، رىماتېزىم قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

گىلاسنىڭ ئۇرۇقى تەركىبىدە سىئانوگلىكوزىد بار بولۇپ، گىدرولىزلىنىپ گىردو سىيانىد كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدۇ، زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. دائىم گىلاس يەپ بەرگەندە چاچقا پايدىلىق بولۇپ، 80 گرام گىلاسنى يۇيۇپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ سىقىپ 200 مىللىلېتىر سوغۇق قايناقسۇ بىلەن تەڭشەپ شەربەت تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى

ئادەتتە مېۋىلەرنىڭ تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى بولمايدۇ، گىلاس بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ھەر يۈز گرام گىلاس تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى  59مىللىگرامغا يېتىدۇ، بۇ مىقدار مېۋىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ۋىتامىن Aنىڭ مىقدارى ئۈزۈم، ئالما، ئاپلېسىنلاردىن 4-5 ھەسسە يۇقىرى، ئۇنىڭدىن باشقا گىلاس تەركىبىدە مول ۋىتامىن B، C ۋە كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مېنىراللار بار. ھەر 100 گرام گىلاس تەركىبىدە 83 گرام سۇ، 1.4 گرام ئاقسېل، 0.3  گرام ياغ، 8 گرام قەنت، 14.4 گرام كاربون-سۇ بىرىكمىسى، 66 كىلو كالورىيە ئېنېرگىيە، 0.4گرام يىرىك سىللۇلۇزا، 0.5 گرام كۈيە،  18مىللىيگرام كالتسىي، 18مىللىيگرام فوسفور، 5.9 مىللىيگرام تۆمۈر، 0.15 مىللىيگرام كاروتېن، 3 مىللىيگرام ئاسكوربىك كىسلاتا، 0.4 مىللىيگرام نىكول كىسلاتا، 0.08 مىللىيگرام رىبو فلاۋىن، 0.04 مىللىيگرام تىئامىن،  258مىللىيگىرام كالېي، 0.7مىللىيگرام ناترىي،  10.6 مىللىيگرام ماگنىي ۋە مول ۋىتامىن A بار.


دورىلىق رولى:

1. قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گىلاسنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئۇ ھىموگلوبىننى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي ماتېرىيال شۇنداقلا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت، ئاقسىل سېنتىرزلىنىش ئېنېرگىيە مېتابولىزىمى قاتارلىق جەريانلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چوڭ مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ فونكىسىيىسى، قېرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 

2. قىزىلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.  قىزىل  تارقالغان مەزگىللەردە بالىلارغا گىلاس شەربىتى ئىچكۈزگەندە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماي، گىلاس ئۇرۇقىنىڭ تەرلىتىپ زەھەر قايتۇرۇش رولى بار.

3. يەل ۋە نەملىكنى يوقىتىدۇ، قۇرت ئۆلتۈرىدۇ. گىلاسنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، يەم بىلەن نەملىكنى ھەيدەيدۇ، مىجەزنى تەڭشەپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ. رىماتېزىملىق بەل-پۇت ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، كۈچلۈك قۇرت يوقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، مەددە قۇرت، تاسما قۇرت، تۈتۈ مەددىلەرنى ئۈنۈملۈك يوقىتىدۇ.

4. بەدەن قۇۋۋىتى خوراشنى ۋە ئاغرىقنى توختىتىدۇ. ئەنئەنىۋى تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، گىلاس كۆيۈك يارىسىنى داۋالايدۇ. ئاغرىق توختىتىش، قاپىرىپ يىرىڭداشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈششۈككىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. 

5. چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. گىلاسنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى ئاقسىل، قەنت، كاروتېن، ۋىتامىن C قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ئالما، نەشپۈتلەردىن يۇقىرى ، بولۇپمۇ تۆمۈر مىقدارى ئالاھىدە مول. گىلاس شىرنىسىنى يۈزگە، قورۇقلارغا سۈركىگەندە يۈز تېرىسىنى يۇمرانلاشتۇرۇش، ئاقارتىش، قورۇق ۋە داغنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ. 

ئاددىي ساۋات:

تاللاش: گىلاسنى تاللىغاندا ساپىقى بار، رەڭگى توق، پارقىراق، شەكلى تولغانلىرىنى تاللاش كېرەك.
ساقلاش: ساقلاش قىيىن بولۇپ، يېڭى پېتى يېگەن ئەڭ ياخشى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى