ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىي تۇرمۇشتا كېسىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان «قىزىل چىراغ»

جىنسىي تۇرمۇشتا كېسىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان «قىزىل چىراغ»

ۋاقتى: 2016-03-05 ئاۋاتلىقى: 726 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قاتناشتا ماشىنىلارنىڭ قىزىل چىراغقا قارىماي يولنى كېسىپ ئۆتۈش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ ھادىسە تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ. جىنسىي تۇرمۇشتىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە «قىزىل چىراغ» بار، لېكىن ئۇنى قەتئىي كېسىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
ئەگەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ھەرگىزمۇ سەل قارىماي جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز قىلىپ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش، قارشى تەرەپنىڭ سالامەتلىكى بىلەن كارى بولماي جىنسىي ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئۇنداقتا بۇ «قىزىل چىراغ» لار قايسىلار؟
1. يېڭى توي قىلىپ سۈيدۈك يولى يۇقۇملانغانلار. يېڭى توي قىلغان ئەي-ئاياللارنىڭ تۇنجى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، بەزى قىزلاردا ئاسانلا سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ. چۈنكى قىزلارنىڭ سۈيدۈك يولى بىلەن جىنسىي يولى ئىنتايىن يېقىن بولغاچقا، قىزلىق پەردىسى يىرتىلغان ئەھۋالدا مىكروب ئاسانلا كىرىپ كېتىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، قىزىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، دوۋسۇنى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي داۋاملىق جىنسىي ئالاقە قىلغاندا كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ. قىزنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكەندىن باشقا، روھىي ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. جىنسىي ئالاقە ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، جىنسىي تۇرمۇشقا قىزىقماس، ھەتتا ئۇنىڭدىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2. جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇققا قان ئارىلاش كەلسە ياكى قان پۇرىقى بولسا، بۇ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، ئاق خۇن بەك كۆپ كەلسە تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يولى ياللۇغى، زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يولى ياللۇغى ياكى سۆزنەك بولۇشى؛ جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن جىنسىي ئەزا غەلىتە پۇرىسا، قىچىشسا، جىنسىي يول ياللۇغى، جىنسىي ئالاقە قىلغاندا جىنسىي ئەزانىڭ ئىچى ئاغرىسا داس بوشلۇقى ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى جىنسىي تۇرمۇشقا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن نورمال جىنسىي ئالاقە قىلسا بولىدۇ.
3. تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىغا گىرىپتار بولغان ئاياللار تۈز ياتقاندا قورساق قىسمى كۆتۈرۈلۈپ، قولى بىلەن تۇتقاندا ئىچىدە بىر پارچە قاتتىق نەرسە بارلىقى بىلىنىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ھېچقانداق ئالامىتى بولمايدۇ. ئەمما، جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن دوۋسۇن بىردەم-بىردەم ئاغرىپ كۆڭۈل ئېلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تۇخۇمدان ئۆسمىسى كېسىلىنىڭ خاراكتېرىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەش، ۋاقتىنچە جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىش كېرەك.
4. تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى سەككىز ھەپتە ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى تۆت ھەپتە ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن سەككىز ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن جىنسىي تۇرمۇشنى باشلاش كېرەك. چۈنكى، تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى جاراھەتلىنىدىغان بولغاچقا، جىنسىي ئالاقە قىلغاندا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ياللۇغى، جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، قان تومۇر قېتىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا بېشى ئاغرىش، بېشى قېيىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش، نەپىسى قىسىلىش ھېس قىلسا، دەرھال جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىش كېرەك.

ھەممىمىزگە مەلۇم، جىنسىي ئالاقە ئۈستىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈم ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە جىنسىي ئالاقىدىن پۈتۈنلەي پەرھىز قىلىش تەلىپىنى قويۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەمما، ئۇلار جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى  «سىگنال» غا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، جىنسىي ئالاقە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشى لازىم.
مۇتەخەسسىسلەر ماگنىي كەملىك جىنسىي ئالاقە ئۈستىدىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسى ئامىل دەپ قارىغان. چۈنكى، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىلار ئادەتتە تاماقتىن، گۆشتىن بەك كۆپ پەرھىز تۇتقاچقا، بەدەندىكى ماگنىي تەركىبى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىدۇ؛ يۈرەك كۈچلەندۈرۈش دورىسى، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش دورىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشمۇ ماگنىي كەملىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي ئالاقىدە ماگنىينىڭ خورىشى كۆپ بولغاچقا، يۈرەك مۇسكۇل ھەرىكىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىپ، جىنسىي ئالاقە ئۈستىدىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى