ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار تولغاق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بوۋاقلار تولغاق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-11-22 ئاۋاتلىقى: 551 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.  كېسەل بوۋاقنى ئايرىۋېتىش، دوختۇرنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
2 كېسەلخانىنىڭ ھاۋاسى ساپ بولۇشى، كېسەل بوۋاقنىڭ كىيىملىرىنى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.
3. ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېگۈزۈش، كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاش، كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقالغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز مەيلىچە دورىنى توختىتىپ قويماسلىق. تولغاقنىڭ قايتا قوزغىلىشى ۋە ئاستا خاراكېرلىك تولغاققا ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.


4. بوۋاقتا قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، دوختۇرنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى يېگۈزۈش، قىزىتما ℃39.5 تىن ئېشىپ كەتكەندە فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىش لازىم.
5. بوۋاققا كۆپرەك چاي ئىچۈرۈش، ئەڭ ياخشىسى قەنت سۈيى ئىچۈرۈش. ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش لازىم.
6. بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىش، ئەگەر بوۋاق روھسىز، چىرايى تاتىراڭغۇ، پۇت قوللىرى مۇزلىغان ھالەتتە بولسا زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك تولغاققا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى