ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىرقى مەزگىلىدە قارا شېكەر ئىچسە راستىنلا قان تولۇقلامدۇ؟

قىرقى مەزگىلىدە قارا شېكەر ئىچسە راستىنلا قان تولۇقلامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 892 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


نۇرغۇن كىشىلەر قىرقى مەزگىلىدە قارا شېكەر ئىچىش قان تولۇقلايدىغان ياخشى ئۇسۇل دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداقمۇ؟

قارا  شېكەر تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولۇپ، مىقدارى ھەتتا ئاق شېكەردىكىدىنمۇ كۆپ. ھەر 100 مىللىگرام قارا شېكەر تەركىبىدە 2.2 مىللىگرام تۆمۈر بار، ھەر 100 مىللىگرام ئاق شېكەر تەركىبىدە 0.2 مىللىگرام تۆمۈر بار. گەرچە قارا شېكەردىكى تۆمۈر ماددىسى ئاق شېكەردىكىنىڭ 10 ھەسسىسىگە تەڭ بولسىمۇ، بىراق بۇ تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولغان ھايۋانات قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قارا شېكەردىكى تۆمۈر ماددىسى يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن.
بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ھەر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق تۆمۈرنىڭ  مىقدارى 35~25 مىللىگرام   بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايۋانات قېنى ۋە ھايۋانات جىگىرىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قارا شېكەر تەركىبىدە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋىتامىن C ، ۋىتامىن B2 نىڭ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلارش رولى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنچە چوڭ ئەمەس. 
ئەلۋەتتە، قارا شېكەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا رولىمۇ بار، ئۇ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت،يەنە كۆپ مىقداردىكى كالىي، ناترىي، كالىتسىي،ماگنىي، سىنىك، سېلىتسىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاق شېكەردىن يۇقىرى. شۇڭا، تۇغۇتتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر ئىستېمال قىلىش يەنىلا سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق .

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى