ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياز پەسلىدىكى«قىرقى» زېرىكىشلىك ئەمەس

ياز پەسلىدىكى«قىرقى» زېرىكىشلىك ئەمەس

ۋاقتى: 2013-03-24 ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇرغۇنلىغان ھامىلىدار ئانىلار ياز پەسلىدىكى «قىرقى» سەۋەبىدىن بىئارام بولىدۇ،  ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنى يوق.  ياز پەسلىدىكى قىرقىنىڭمۇ بىر تەرەپ قىلىش ئېپى بار،  يېڭى ئانا بولغانلار ئۆگىنىۋالسا ياز پەسلىدىكى قىرقىدىنمۇ ئازادە،  خۇشال خۇرام ئۆتەلەيدۇ.
  ياز پەسلىدە يېڭى ئانا بولغانلار تەييارلاشقا تېگىشلىك نەرسىلەر:
لۆڭگە (تۇغۇتتىن كېيىنكى تەرنى سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ)
ئۈچ بولاق تازىلىق قەغىزى (تۇغۇتتىن بۇرۇن ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بەدىنىنىڭ ئاستىغا يېيىپ قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ).
بىر دانە يۇمشاق تىۋىتلىق چىش چوتكىسى
بىر بولاق سۈيدۈك قەغىزى، بىر نەچچە تال لۆڭگە (تۇغۇتلۇق ئانىلارنىڭ شەخسىي تازىلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ).
  قىرقى ئىچىدىكى ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش.  قىرقى ئىچىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ چات ئارىلىقىدىكى ئاجرالما ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ،  ھەر كۈنى ئىلمان سۇ ياكى 1:5000 كالىي پېرمانگانات ئېرىتمىسى بىلەن چات ئارىلىقىنى يۇيۇپ بېرىش،  چات ئارىلىقى سېلىنچىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش ھەمدە چات ئارىلىقىنىڭ پاكىزلىقى،  قۇرغاقلىقىنى ساقلاش لازىم.  تۇغۇتتىن كېيىن تەرلەش كۆپ  بولغانلىقتىن دائىم بېشىنى،  پۇتىنى يۇيۇپ بېرىش،  ئىچ كىيىملىرىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك. يۇيۇنغاندا پاسكىنا سۇنىڭ جىنسىي ئەزا يولىغا كىرىپ كېتىپ ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنچىغا چۈشۈشى (داس مۇنچىغا چۈشۈشكە نىسبەتەن) بىر قەدەر مۇۋاپىق.

ھامىلىدار ئاياللار «قىرقى» ئىچىدە تاماق يېيىش قېتىم سانى ھەم تاماقنىڭ مىقدارى كۆپ،  ئەگەر ئېغىزنى چايقاپ،  چوتكىلاشقا ئەھمىيەت بەرمىسە ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ئىلگىرى نۇرغۇن ئاياللار قىرقى ئىچىدە چىشنى چوتكىلاشقا بولمايدۇ دېگەن «كونا قائىدە»گە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ،  نەتىجىدە ھەر قېتىملىق قىرقىدا نەچچە چىشىنى زىيانغا ئۇچراتقان.  ھامىلىدار ئاياللار يۇمشاق چىش چوتكىسى بىلەن ھەر كۈنى بىر-ئىككى قېتىم  چىشىنى چوتكىلاپ بېرىشى كېرەك.  ھەر  قېتىم بىر نەرسە يېگەندىن كېيىن  ئىلمان سۇ بىلەن ئېغىزىنى چايقاپ بېرىشى كېرەك.
ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش.  ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ قالماسلىقى لازىم.  كونىلاردا  ئىشىك دېرىزىلەرنى چىڭ ياپ،  ھامىلىدار ئاياللارغا قېلىن يوتقان ياپ دەيدىغان قاراش بار.  بۇ خىل قاراش ئىنتايىن خەتەرلىك،  بولۇپمۇ ياز پەسلىدە ھامىلىدار ئاياللارغا ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. شامالداپ قالماسلىق، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالماسلىق كېرەك.  ئەگەر ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولغان بولسا،  ھامىلىدار   ئاياللار مۇۋاپىق ھالدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلەتسە بولىدۇ،  ئادەتتە ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 28-25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە ساقلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.  ئەمما ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامىلى بىۋاسىتە ھامىلىدار ئايالغا ئۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.  ھامىلىدار ئايال ئۇزۇن يەڭلىك كۆينەك،  ئۇزۇن ئىشتان كىيىشى،  ئەڭ ياخشىسى يەنە پايپاق كىيىۋېلىشى لازىم.  ھامىلىدار ئاياللار قىرقى ئىچىدە سوغۇق ئۆتۈپ قىلىش ۋە سىرقىراپ ئاغرىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سوغۇق سۇغا يېقىن كەلمەسلىكى كېرەك.

3. تاماققا، ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.  ھامىلىدار ئايال تۇغۇت مەزگىلىدە زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن،  تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ئىش قېنىپ ئارام ئېلىش بولۇپ،  ئائىلە ئەزالىرى ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلماسلىقى كېرەك.  قېنىپ ئۇخلىغاندىن كېيىن،  ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى،  ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش،  سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك.  «قىرقى» ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى،  ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى،  ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق بەدەننىڭ تېز ئەسلىگە قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈتنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
4. بالدۇرراق كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىش.  ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا،  ھامىلىدار ئايال تۇغۇپ ئىككىنچى كۈنىلا كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.  ئەمما شامالداپ قىلىش سوغۇق ئۆتۈپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك ۋە ياكى تېببىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا،  ھەر كۈنى ئازراق بەدەن چىنىقتۇرۇش ياكى گىمناستىكا ئوينىسىمۇ بولىدۇ. بۇ بەدەننىڭ ئەسلىگە قايتىشىغا ھەم گۈزەل بەدەن شەكلىنى ساقلاشقا پايدىلىق.  تۇغۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن  ھامىلىدار ئايال يېنىك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا بولىدۇ،  مەسىلەن: جوزا سۈرتۈش، ئۆي تازىلاش قاتارلىق،  ئەمما بەك ئۇزۇن داۋاملاشماسلىقى، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بالىياتقۇنىڭ قانىشى،  بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. تۇغۇتتىن كېيىن قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش.  تۇغۇتتىن كېيىن 42 كۈن ئەتراپىدا چىللە مەزگىلى ئاياغلىشىدۇ،  ھامىلىدار ئايال چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇتتىن كېيىنكى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىپ،  سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش لازىم.  ئەگەر  بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلسە دوختۇرنىڭ ۋاقتىدا داۋالىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

6. تۇغۇتتىن كېيىنكى جىنسىي مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.  چىللە خۇنى قۇرۇمىغاندا ياكى تۇغۇتتىن كېيىن 42 كۈن ئىچىدە،  بالىياتقۇ ئىچىدىكى زەخمە يۈزى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغاچقا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايدۇ.  ئەگەر بىردەملىك نەپسىنى دەپ «ھەربىي ھالەت»نى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندا ناھايىتى ئاسانلا چىللە مەزگىلىدىكى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،  ھەتتا ئاستا خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.  چىللە بىر قەدەر بالدۇر قۇرۇغان ھامىلىدار  ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە چوقۇم ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى  ئىشلەش لازىم.  چۈنكى چىللە مەزگىلىدە بويىدا قالىدىغان ئىشلارمۇ  بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغىمۇ چوقۇم ئېتىبار بېرىشى لازىم
7. بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى قانچە بالدۇر باشلىسا شۇنچە ياخشى.  تۇغۇتتىن كېيىن ئەمچەكنىڭ قان تولۇپ كۆپۈشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ،  دەسلەپكى ۋاقىتتىلا ئانا سۈتى ئېمىتىش سۈت بېزىنى غىدىقلاپ سۈت ئاجرىلىپ چىقىشىغا پايدىلىق،  ھەمدە كېيىنكى مەزگىلدىكى ياخشى بولغان ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشكە ئاساس بولىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىياتقۇنىڭ قىسقىراپ ئەسلىگە قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئېمىتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئانا چوقۇم ئىككى قولىنىڭ ھەم ئەمچەك توپچىسىنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى،  سۈت بېزىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشى ۋە بالىنىڭ ئۈچەي يولىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى