ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يېڭىدىن ئانا بولغۇچىلار ئۈچۈن بوۋاقلار لازىمەتلىكلىرى تىزىملىكى (2)

يېڭىدىن ئانا بولغۇچىلار ئۈچۈن بوۋاقلار لازىمەتلىكلىرى تىزىملىكى (2)

ۋاقتى: 2013-03-28 ئاۋاتلىقى: 654 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھارۋا، كارىۋات تۈرىدىكىلەر:
ياغاچتىن ياسالغان بوۋاقلار كارىۋېتى ـــــ كىچىك بۆشۈكى بار، چاقلىق، يۆتكەشكە قولايلىق بولسا ئەڭ ياخشى.
پاشىلىق بىر يۈرۈش ـــــ ھازىرقى بوۋاقلار پاشىلىقى بىر چوڭ، بىر كىچىك يۈرۈشلۈك بولۇپ، كارىۋات ۋە كىچىك بۆشۈككە بىردىن تارتىلىدۇ. 
بوۋاقلار كارىۋېتى يۈرۈشلۈك بويۇملىرىدىن بىر يۈرۈش ـــــ ئادەتتە يوتقان تېشى، يوتقان-كۆرپە، كىرلىك، ياستۇق، كارىۋات بېشى تەگىلىكى، ئىككى دانە رىشاتكىلىق توساقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاسما قوڭغۇراقتىن بىر دانە ـــــ رەڭگارەڭ، ئوچۇق رەڭلىك، كۆپ خىل ئاۋازلىق، لايىھەلىنىشى چىرايلىق بولغىنىنى تاللاش كېرەك، چىراغلىق بولسا تېخىمۇ ياخشى، بۇنداق بولغاندا مەخسۇس كېچىلىك چىراغ ئېسىشنىڭ ھاجىتى يوق.
بوۋاقلار كارىۋىتى كېچىلىك چىرىغىدىن بىر دانە ـــــ ئاۋاز بىلەن كونترول قىلىنىدىغان، بالىياتقۇ ئاۋازىغا تەقلىد قىلىنغان ئاۋاز كىرگۈزۈلگەن چىراغ بوۋاقنى ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكىدەك ھېس قىلدۇرىدۇ.
بوۋاقلار ھارۋىسى بىر دانە ـــــ بوۋىقىنى سىرتقا كۆپ ئېلىپ چىقىدىغان ئانىلار ئۈچۈن قولايلىق تىپتىكىسى مۇۋاپىق، بوۋاقلار ئەڭ راھەت ھېس قىلىدىغىنى كۆپ ئىقتىدارلىق تىپتىكىسى.
بوۋاقلار تەۋرەنمە ئورۇندۇقى ـــــ بوۋاقلار ئېيىغا توشقاندىن باشلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. راھەت يۆلەنچۈكى، ئويۇنچۇق سۇپىسى، مۇزىكىسى بار بولۇپ، بوۋاقنى ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ تاماق يېگۈزۈش ئىنتايىن قولايلىق.
ئويۇن ئويناش تەگىلىكى(游戏垫)ـــــ بوۋاق ئېيىغا توشقاندىن باشلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بوۋاقلارنىڭ ئۆرۈلۈشىنى مەشىق قىلىشى ۋە ئېسىپ قويۇلغان رەڭدار ئويۇنچۇقلارنى تۇتۇپ ئوينىشىغا قولايلىق.
ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىت ـــــ تەۋرىنەلەيدۇ، مۇزىكىلىق، رەڭدار چىراغلىرى بار، كۆپۈكچە پۈۋلىيەلەيدۇ، ئىشلىتىشچانلىقى يوقىرى.
تاماق يېيىشتە ئىشلىتىلىدىغان بوۋاقلار ئورۇندۇقى ـــــ بوۋاق ئولتۇرالايدىغان بولغاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇزۇپ ئاتا ئانىسى بىلەن بىرلىكتە غىزالاندۇرغاندا، ئەستايىدىل تاماق يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى