تۇغۇتتىن كېيىن ھەيز كۆرۈلۈش نورمال بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2015-05-28
ئاۋاتلىقى: 691 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئانا بولغۇچىلاردا تۇغۇتتىن كېيىن ھەيز مىقدارى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولۇش، ھەيز كۆرۈلىدىغان ۋاقىت قالايمىقان بولۇش قاتارلىق ھەيز نورمالسىزلىق مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاساسى جەھەتتىن ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەيز كۆرۈلۈش دەۋرىيلىكى ئاران ئەسلىگە قايتىدۇ. بىراق بەزى ئالاھىدە ئەھۋالدىكى ئاياللاردا (يەنى بەك سېمىز، روھى بېسىمى يۇقىرى، تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە بار قاتارلىقلار) تۇغۇتتىن كېيىن ھەيز كەلمەيدۇ ياكى راۋان بولماسلىق كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا تۇغۇت دوختۇرلىرىنى ئىزدەپ تەكشۈرتۈپ، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ داۋالىنىش كېرەك.
بالا ئېمىتىدىغان يېڭى ئانا بولغان تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ تۇخۇم چىقىرىشى، ھەيزنىڭ ئەسلىگە كېلىشى نىسبەتەن كېچىكىپ كۆرۈلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ھەتتا بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن ھەيز كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەيز مىقدارى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكى ھەيز مىقدارىدىن كۆپ بولىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىق ھەيز مىقدارى نورمال بولىدۇ، شۇڭا داۋالىنىش ھاجەتسىز.
ھەيز ناھايىتى كۆپ كەلگەندە، بالا ئېمىتىدىغان ئانىنىڭ سۈت مىقدارى ئازلايدۇ، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن ياغنىڭ مىقدارىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ. ئاقسىلنىڭ مىقدارى سەل يۇقىرىلايدۇ، ياغنىڭ مىقدارى ئازراق تۆۋەنلەيدۇ. بۇنداق سۈت بوۋاقتا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال، ھەيز كۆرۈش مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن نورماللىشىدۇ. شۇڭا مەيلى ھەيز كۆرۈش مەزگىلى ياكى ھەيز كۆرۈشتىن كېيىنكى مەزگىل بولسۇن ئانا بولغۇچى چوقۇم بالىسىنى ئېمىتىشنى توختاتماسلىقى كېرەك.