ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىسىم قويۇش

ئىسىم قويۇش

ۋاقتى: 2016-05-29 ئاۋاتلىقى: 699 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىسىم قويۇش بوۋاقنى ئۆمۈرلۈك نام-ئاتاققا ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز قەدىمدىن بۇيان كۆز نۇرى بولغان پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. يېڭى ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى قايسى ئىسىمنى قويۇش، قايسى تەرتىپ بىلەن قويۇش مەسلىسىدۇر. قويۇلدىغان ئىسىم قۇلاققا يېقىملىق بولغاندىن سىرت، مەنىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئالدىنقى شەرت قىلىندۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشتا تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:
بىرىنچى، ئالدى بىلەن ساپ ئۇيغۇرچە، مەنىسى چوڭقۇر، قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان، ئاتاش-چاقىرىشقا قولايلىق ئىسىملاردىن بىرىنى تاللاپ قويۇش كېرەك. چۈنكى، تۇغۇلغان بوۋاق ئالدى بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتى، تارىختا بۈيۈك شۆھرەت قازانغان، شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ مۇكەممەلىككە يەتكەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى تونۇتىدىغان، ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئىسىمدىن بىرنى تاللاپ قويۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق.
ئىككىنچى، قويۇلغان ئىسىم ئاددىي، يېقىملىق بولۇشى كېرەك. ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئۇزاق تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئەرەب ۋە پارس تىلىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە ئەرەبچىلىشىش، پارسچىلىشىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. قويۇلغان ئىسىم مەيلى ئەرەبچە ياكى پارسچە بولسۇن، ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىدە بار بولغان، چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارىسىدىن تاللىنىشى، ئاددىي يېقىملىق بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ئاتاش-چاقىرىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلمايدۇ. 
ئۈچىنچى، قويۇلغان ئىسىمنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك، سەلبى مەنە ئاڭلاتمايدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، پەرزەنتلەر ئاشۇ ئىسىمنى قويغان ئاتا-ئانىسىدىن بىر ئۆمۈر رەنجىيدۇ. شۇڭا، ياش ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويغاندا چوقۇم بىلىمى ئەتراپلىق، كۆرگەن-بىلگىنى جىق ئۇرۇق-تۇققان، يار-بۇرادەرلىرىدىن مەسلىھەت سورىشى، ئىسىم قويىدىغان چاغدا ئۇلارنىمۇ چاقىرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، بىلىپ-بىلمەي غەيرىي ئىسىم قويۇپ قويۇشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ. 
تۆتىنچى، ئىسىم قويغاندا چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ھازىر ئەڭ ئومۇملاشقان، خەلق ئېتىراپ قىلغان ئىسلامىي قائىدە بويىچە بىرەر موللام ياكى ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدىكى ئىسىم قويۇش قائىدىسىنى، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىلىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق بىرەرىنى چاقىرىپ بوۋاققا ئىسىم قويۇش كېرەك. ئىسىم قويغۇچى بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ ئوڭ قۇلىقىغا تەكبىر، سول قۇلىقىغا ئەزان ئاڭلىتىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئايەتلەر ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىسمىنى يادلاپ، مۇراسىمغا قاتناشقانلارغا بوۋاقنىڭ ئىسمىنى جاكارلايدۇ. مېھمانلار بوۋاقنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قۇتلۇقلايدۇ ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىسىم شۇ بوۋاقنىڭ ئىككى دۇنيالىق نامى بولۇپ قالىدۇ. 
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بوۋاقنىڭ ئىسمى قوپال، سەت مەنە ئاڭلاتمايدىغان بولۇشى، مەنىسى پۈچەك، قۇلاققا يېقىمسىز ئىسىم بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇندىلا شۇ بوۋاق بىر ئۆمۈر ئۆز ئىسمىدىن پەخىرلىنىپ ئۆتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى