ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاياللار ساغلاملىقىغا ۋە گۈزەللىكىگە نوقسان يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق ئورۇقلاش ئادەتلىرى

ئاياللار ساغلاملىقىغا ۋە گۈزەللىكىگە نوقسان يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق ئورۇقلاش ئادەتلىرى

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 1103 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاياللار ساغلاملىقىغا ۋە گۈزەللىكىگە نوقسان يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق ئورۇقلاش ئادەتلىرى
1. تاماق تاللاش. تاماق تاللاش ئادىتى ئاياللاردا، بولۇپمۇ ياش قىزلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ياقتۇرمايدىغان نەرسىسىنى پەقەتلا يېمەيدۇ، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى بولسا خۇدىنى بىلمەي يەيدۇ. تاماق تاللىغاندا، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ-دە، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. 
2. بەك تويۇپ تاماق يېيىش. بەزى ئاياللار زىياپەتلەرگە، مېھماندارچىلىققا بارسا تاماقنى مۇۋاپىق يېمەي، تويغۇدەك يەۋالىدۇ. بەك تويۇپ تاماق يېيىش ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، ئاسانلا ئۆت يولى كېسەللىكى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، مېڭە قان تومۇر ياللۇغى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
3. تېز تاماق يېيىش. تېز تاماق يېيىش ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. 
4. تۇزلۇق تاماق يېيىش. تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ناترىي ئاسانلا بەدەنگە يىغىلىۋېلىپ، قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ-دە، يۈرەك، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغان ئاياللار تاماقنى تۇزلۇق يېمەسلىكى لازىم. 
5. تاماقنى بەك قىزىق يېيىش. تاماقنى قازاندىن ئۇسۇپلا يېيىش ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىپلا قالماي، چىش ۋە چىش يىلتىزىنىمۇ زەخمىلەندۈرۈپ، چىش يىلتىزى شەلۋەرەش ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكتېردىكى چىش كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا قىزىق تاماق يېيىش قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنىمۇ زەخمىلەندۈرۈپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ياللۇغ پەيدا قىلىپ، يامان خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ قىزىق تاماق يېيىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ ئىكەن. 
6. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە قورساق بېسىمغا ئۇچراپ، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىگە تەسىر يېتىدۇ، قان ئايلىنىشمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ئاشقازاننىڭ نورمال ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ. دائىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئاشقازان يارىسى ۋە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. 
7. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش. پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى كۆپ يېگەندە، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، تاماق ئارلىقىدا پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك. 
8. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش. بۇمۇ ياش قىزلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئادەت. تاتلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، بەدەن ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىسسىقلىق ياغقا ئايلىنىپ ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ. سەمرىپ كېتىش نەتىجىسىدە ھەرخىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى