ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىنىڭ يېتىلىشى

ھامىلىنىڭ يېتىلىشى

ۋاقتى: 2016-03-22 ئاۋاتلىقى: 731 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئىچىدە بېرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا ئايلىنىدۇ، بەش كۈندىن كېين تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن بالىياتقۇغا يۆتكىلىدۇ. ئاندىن ئاستا ئاستا تەرەققىي قىلىپ ھامىلىگە ئايلىنىدۇ. ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ۋاقتى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھەيزنىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، جەمئىي 40 ھەپتە يەنى 280 كۈن بولىدۇ. ھامىلىنىڭ يېتىلىش جەريانى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى، تۇخۇم ئۇرۇقلانغاندىن تارتىپ ئىككى ھەپتە (يەنى ھەيز توختىغان تۆت ھەپتە)  ئىچىدىكى ۋاقىت تۇخۇمنىڭ يېتىلىش مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدا جىددىي ھۈجەيرە بۆلۈنۈشى يۈز بېرىپ، تۇخۇم ھۈجەيرىسى شەكىللىنىدۇ.
ئىككىنچى، ھامىلىدار بولۇپ سەككىز ھەپتە ئىچىدە تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا تۆرەلمە تېنى ئادەم ھالىتىگە كىرىپ، ئەزالىرى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. 
ئۈچىنچى، سەككىز ھەپتىدىن كېيىن ھامىلە دەپ ئاتىلىدۇ. ئەزالىرى داۋاملىق يېتىلىشكە باشلايدۇ. ھامىلىنىڭ ئاساسلىق يېتىلىش ئەھۋالى:
1. ھامىلدار بولغان 4-ئېيىنىڭ ئاخىرى(يەنى 16-ھەپتىنىڭ ئاخىرى) دا ھامىلە تەخمىنەن 10-17 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، ئېغىرلىقى 120 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزاسىدىن قىز-ئوغۇللۇقى پەرقلىنىدۇ، ئانىنىڭ قورسىقىدىن ھامىلىنىڭ يۈرەك ھەرىكىتىنى تىڭشىغىلى بولىدۇ، ئانا ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى ھېس قىلالايدۇ.
2. 7-ئېيىنىڭ ئاخىرى (يەنى ھامىلدار بولغان 28-ھەپتىنىڭ ئاخىرى) دا ھامىلە تەخمىنەن 35سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، ئېغىرلىقى 1 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. بېشىغا چاچ چىقىدۇ، قاپىقى ئېچىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە تۇغۇلسىمۇ ياشىيالايدۇ، ئەمما ياشاش ئىقتىدارى بەك ئاجىز بولۇپ، ئالاھىدە كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
3. ھامىلىدار بولغان 9- ئېيىنىڭ ئاخىرى (يەنى 36-ھەپتىسىنىڭ ئاخىرى ) غا كەلگەندە ھامىلە تەخمىنەن 45 سانتىمېىر ئۇزۇنلۇقتا، ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. تېرە ئاستى ياغلىرى تەرەققىي قىلىدۇ، تىرنىقى ئۇچىغىچە ئۆسىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن يىغلىيالايدۇ، ئانىسىنى ئېمەلەيدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.
4. 40 ھەپتىلىك ھامىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 52 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3-3.2 كىلوگرام بولىدۇ. تېرە ياغلىرى تولغان، چېچى 2.3 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن قاتتىق ئاۋازدا يىغلايدۇ. پۇت-قوللىرى جانلىق ھەرىكەتلىنەلەيدۇ، يۈرەك سوقۇشى، نەپەس ئېلىشىدىن ئىنتايىن كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى