تۇغۇتلۇق ئاياللار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ۋاقتى: 2015-03-14
ئاۋاتلىقى: 827 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇغۇتلۇق ئاياللار ئالاھىدە كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن ساقلىنالمايدۇ:
بەل-پۇت ئاغرىش. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالىياتقۇ چوڭىيىدۇ، قورساقمۇ يوغىنايدۇ. نەتىجىدە بەل ۋە پۇتقا چۈشىدىغان بېسىممۇ بارا-بارا ئاشىدۇ، بەل-پۇت ئاغرىشقا باشلايدۇ. شۇڭا تۇغۇتلۇق ئاياللار ئۇزاق مەزگىل يېتىپ ياكى كۆپ ھەرىكەت قىلماي ياخشى كۈتۈنۈشى، يېمەك-ئىچمەك ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
خامۇشلۇق كېسىلى. تۇغۇتتىن كېيىن سالامەتلىك ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ، بۇنىڭغا ئادەتتە ئالتىدىن سەككىز ھەپتىگە ۋاقىت كېتىدۇ، ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ فىزىيولوگىيە ۋە پىسخىكا جەھەتتە بىر قىسىم ئەنسىرەش، جىددىيلىشىش، دېلىغۇل بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ھالەت داۋاملىشىۋەرسە خامۇشلۇق كېسىلىگە ئۆزگىرىدۇ.
سۈيدۈك چىقىرىش مەسلىسى. سۈيدۈك كونترول قىلالماسلىق يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسلە، شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە بالدۇر ئەمگەك قىلىشتىن ھەمدە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر ئۇزاققىچە ياخشى بولالمىسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.