مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئوبرازى
ۋاقتى: 2016-05-30
ئاۋاتلىقى: 703 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىسلام ئۆز ئىتقاتچىلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك، ھەيئەت، بەدەن تازىلىقى ۋە بارلىق ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ ھەر دائىم چاقناپ تۇرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرۈنىشىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۆزى ئىتقاد قىلغان دىننىڭ ۋە ئۆزى بەرپا قىلغان ئىماننىڭ گۈزەل ئىكەنلىكگە دەلىل بولىدۇ. ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن قايىتپ كەلگەن بۇرادەرلىرىگە-سىلەر قىرىنداشلىرىڭلارنىڭ يىنىغا كىرگىلىۋاتىسىلەر، ئىنسانلار ئارىسىدا پارلاپ تۇرغان شام بولۇشىڭلار ئۈچۈن ،يۈك-تاقىلىرىڭلارنى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ كىرىڭلار، ئاللا كۆرۈمسىز قىياپەت ۋە رەتسىز كىيىم-كېچەكنى يامان كۆرىدۇ.-دېدى› ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
ئىسلام ناچار قىياپەت، سەسكىنىشلىك ھالەتنى، كۆرۈنىشىگە بىپەرۋالىق قىلىشنى، كىيىم- كېچەكلىرىنى رەتسىز، يۈك تاقىلىرىنى قالايمىقان قىلىشنى ئاللانى غەزەپلەندۇرىدىغان يىرگىنىشلىك قىلمىش دەپ قارىدى. پاكىزلىقنىڭ كىسەللكىنى ئالدىنى ئېلىش ۋە ئومۇمى ساغلاملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا رولىنىڭ بەكمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى دوختۇرلار ئالاھىدە تەكتلەۋاتقان تۇرسا، مەينەتلىكنى ئىسلام نىمىشقا يامان كۆرمىسۇن؟