ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سۈتتىن ئايرىش مەزگىلىدە ئاسان كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

سۈتتىن ئايرىش مەزگىلىدە ئاسان كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ۋاقتى: 2015-11-03 ئاۋاتلىقى: 772 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۈتتىن ئايرىش مەزگىلىدە ئاسان كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

 سۈتتىن ئايرىش سەۋەبىدىن بوۋاقنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئۆزگىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدىنىگە ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسى سۈتتىن ئايرىش مەزگىلىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى يولىدا ئېلىپ بارمىسا، بوۋاقنىڭ ئوزۇقلىنىشىدا مەسىلە كۆرىلىدۇ، ئاسانلا ھەرخىل كېسەلگە گىرىپدار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوزۇقلۈق تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش كېسىلى

ئەگەر بوۋىقىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بورمال كۆرسەتكۈچتىن تۆۋەن بولسا، روھىي ھالىتى تۆۋەن، كۈندىن- كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىب بارغان بولسا، يۈز تېرىسى ئاقىرىپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقان بولسا، ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەۋاتقاندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسا، بوۋىقىڭىزنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش كېسىلىگە گىرىپدار بولغان بولمىغانلىقىنى ئويلىشىپ كۆرىشىڭىز لازىم.

ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولسا، سۈتتىن ئايرىغاندىكى يېمەكلىك بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس، ياكا ئۇسۇلى توغرا ئەمەس، يېمەكلىك تاللاش، تاماق تاللاش ھەمدە يېمەكلىك مىقدارى يېتىشمەسلىكتۇر. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا- ئانا بولغۇچى بوۋاقنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنۈملۈك ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىپ بوۋاقنى ۋاقتىدا ساقايتىش كېرەك.

ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق كېسىلى

سۈتتىن ئايرىش مەزگىلىدە، بوۋاقنىڭ ئاشقازان- ئۈچىيى ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىدىغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرىم قىلىش ئىقتىدارى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىگە يېتىشەلمەيدىغان بولغاچقا، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا- ئانا بولغۇچى چوقۇم  بوۋىقىنىڭ سۈتتىن ئايرىش مەزگىلىدىكى تامىقىغا چىن كۆڭلىدىن كۆڭۈل بۆلۈشى، بوۋىقىنىڭ تاماق ۋاقتىنى ھەم مىقدارىنى بەلگىلەپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېمەكلىك تازىلىقىغىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.

بوۋاق ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامان، ئاتا-ئانا بولغۇچى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم. چۈنكى بۇخىل كېسەللىكنىڭ ساقىيىشىغا بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ بولىدۇ، يەنەكېلىپ بوۋاقنىڭ بەدەن كۈچىنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن كەمچىل بولۇش كېسىلى 
بوۋاقلار سۈتتىن ئايرىلىپ يىمەك- ئىچمەككە تايىنىدىغان بولغاچقا، ئانا سۈتى ياكى كالا سۈتى قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئازلايدۇ، شۇڭلاشقا بەلگىلىك مىقداردىكى ۋىتامىننىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلار بوۋىقىغا ھەرخىل ئوزۇقلۇق مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىشى لازىم. تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەردىن گۆش، بېلىق، كالا سۈتى، ئېرىمچىك، تۇخۇم، كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىلەر قاتارلىقلار بار. ئەڭ مۇھىمى، بوۋىقىڭىزدا تاماق تاللايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويماڭ، بۇندق بولغاندىلا ئاندىن ۋىتامىن كەمچىل بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى