ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنماي تۇرۇپ بالىغا قارىسا ئايال بالىنى ئېمىتسە بولامدۇ؟

ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنماي تۇرۇپ بالىغا قارىسا ئايال بالىنى ئېمىتسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-07 ئاۋاتلىقى: 1725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. جىمادىن كېيىن يۇيۇنماستىن بالىسىنى ئېمىتسە،  بولامدۇ؟ جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ بولمايدۇ،  دېگەن گەپ توغرىمۇ؟
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن،  پەيغەمبىرىمىزگە،  ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
جىمادىن كېيىن غۇسلى قىلماي تۇرۇپ بالا ئېمىتسە،  بالىغا تاماق تەييارلىسا،  يېگۈزسە،  شۇنداقلا جۇنۇپ ھالەتتە بالىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قارىسا بولۇۋېرىدۇ.
ئەبۇ رافىئ رىۋايەت قىلىدۇكى،  ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: جۇنۇپ بولغان ھالىتىمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۇچراپ قېلىپ،  قولۇمنى تۇتۇپ مېنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىپ،  بىر جايغا كەلگەندە ئولتۇردى،  مەن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ،  مەنزىلىمگە كېلىپ غۇسلى قىلىپ كەلسەم،  رەسۇلۇللاھ ئولتۇرۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ: «نەگە كەتتىڭ؟ ئى ئەبۇ ھۇرەيرە» دېدى. مەن رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى ئېيتسام،  رەسۇلۇللاھ: «سۇبھانەللاھ! ئى ئەبۇ ھۇرەيرە،  مۇئمىن دېگەن نىجىس بولمايدۇ» دېدى. (سەھىھەين: بۇخارى 285-ھەدىس. مۇسلىم: 371-ھەدىس)


قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى،  ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كېچىدە ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقاتتى،  ئۇ كۈنلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ توققۇز ئايالى بار ئىدى.(سەھىھۇل بۇخارى 284-ھەدىس) مۇسلىم رىۋايىتىدە: ”پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى بىر غۇسلى بىلەن ئايلىنىپ چىقاتتى“ دەپ كەلگەن. (سەھىھى مۇسلىم 309-ھەدىس)
ئەتائ: جۇنۇپ ئادەم تاھارەت ئالماي تۇرۇپ قان ئالدۇرسا،  تىرناقلىرىنى ئالسا،  چېچىنى چۈشۈرسە دۇرۇس،  دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى)
ئۇنىڭ ئىستىگە شەرىئىتىمىزدە بالا ئېمىتىش ئۈچۈن جەنابەتتىن پاك بولۇشنى شەرت قىلغان بىرەر كۆرسەتمە يوق. ئەگەر ئۇنداق ھالەتتە بالا ئېمىتسە بولمايدىغان بولسا،  ھەر ئائىلە دۇچ كېلىدىغان بۇنداق بىر ئىشقا قارىتا ئەلۋەتتە چەكلىمە كەلگەن بولاتتى.



ئەلۋەتتە جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتمەكچى بولغان ئايال كۆكسىنى چايقىۋېتىپ ئېمىتسە تېخىمۇ ياخشى،  بالا يىغلاپ قالمىسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ياكى غۇسلى قىلىۋېتىپ ئاندىن ئېمىتسە تېخى ياخشى،  بۇنىڭ ئەۋزەللىكىدە،  مۇستەھەبلىكىدە گەپ يوق. لېكىن ئۇنداق قىلماي تۇرۇپ ئېمىتسە گۇناھ ياكى باشقا ئىش بولمايدۇ.
جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن غۇسلى قىلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بۇ ھەدىسلەر كۆرسىتىدۇ:
ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۇخلامتى؟ دەپ سورىسام،  ئۇ: ھەئە،  كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئۇخلايتتى،  دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 286-ھەدىس)
نافىئ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى،  ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: بىرىمىز جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىۋىدى،  رەسۇلۇللاھ: «ھەئە،  كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولىدۇ» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى 287-ھەدىس)
ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار رىۋايەت قىلىدۇكى،  ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: (ئاتام) ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇنىڭغا (يەنى ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە) كېچىلىرى جەنابەت يېتىپ قالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يول-يورۇق سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە): «ئەۋرىتىڭنى يۇيۇپ،  تاھارەت ئېلىۋېتىپ،  ئاندىن ئۇخلا» دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى 290-ھەدىس)
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇن شۇكى،  جۇنۇپ كىشى ئۇخلىسا،  يەپ-ئىچسە،  غۇسلى قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. بۇ بارلىق ئالىملار ئوتتۇرىدا بىردەك ئىتتىپاق بولغان مەسىلە. يەنە ئالىملار جۇنۇپ كىشىنىڭ بەدىنى بىلەن تەرىنىڭ پاكىزلىقىغا بىردەك ئىتتىپاق. بۇ ھەدىسلەردىن يەنە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى ۋە ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىشى مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ“.(شەرھى سەھىھى مۇسلىم)
جۇنۇپ،  ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدىنى نىجىسمۇ؟
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: ”ئىماملىرىمىز شۇنداقلا باشقا ئالىملار: جۇنۇپ،  ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدەن ئەزالىرى ۋە تەرلىرى نىجىس ئەمەس پاكتۇر،  بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىدا كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى يوقتۇر“.(ئەلمەجمۇئ 2/170)
ئەگەر ئۇلارنىڭ بەدىنى نىجىس بولىدىغان بولسا خېمىر يۇغۇرۇش،  تاماق ئېتىش،  چاي دەملەش،  باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش،  بالا ئېمىتىش،  ئەر-ئايال بىر كارىۋاتتا يېتىش،  سۇ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلار چەكلەنگەن بولاتتى،  ئەمەلىيەتتە ئىسلام كۆرسەتمىسىدە بۇنداق چەكلىمە يوق.
يەنە جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارغا قاراش،  باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش،  باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش،  قان ئالدۇرۇش،  چاچ-تىرناق ئېلىش بالىلارنى ئېمىتىش ياكى تاماق يېگۈزۈش،  ياكى جۇنۇپ كىشىگە قاراش قاتارلىق ئىشلار جائىزدۇر،  ئاۋامۇنناس ئېتىقاد قىلغاندەك جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشسە،  جۇنۇپ كىشىگە قاراپ سالسا پالاكەت باسىدۇ ياكى ئاپەتكە ئۇچرايدۇ ياكى نەس باسىدۇ دېگەندەك قاراشلارغا ئىسلامدا ئورۇن يوق. بۇلار پەقەت يەھۇدىيلاردىن ئېقىپ كىرگەن قاراش بولسا كېرەك. چۈنكى يەھۇدىيلار ھەيزدار ئايالنى نىجىس دەپ قارايدۇ.
جۇنۇپ كىشى غۇسلى قىلىشنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟
كېچە ياكى كۈندۈز ھەرقانداق ۋاقىتتا جىما ياكى ئېھتىلامنىڭ ئارقىدىنلا دەرھال غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ،  پەقەتلا ھەدىسلەردە كەلگەندەك تاماق يېمەكچى ياكى ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى ياكى قايتا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچى بولسا بەدىنىدىكى شالتاقنى تازىلىۋېتىپ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەب بولىدۇ،  ۋاجىپ ئەمەس، 
ئەمما ناماز ۋاقتى بولۇپ قالغان بولسا،  تىزدىن غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇمىسا ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسا دەرھال غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.
ئومۇمەن باشقا بىر ئالدىراشچىلىق ياكى سەۋەب بولمىسا غۇسلى قىلىشقا ئالدىراش ئەۋزەل،  چۈنكى ھەر ئەھۋالدا تاھارەت بىلەن تۇرۇش ياخشىدۇر،  كىشى ئۆلۈپ كەتسىمۇ جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتمەيدۇ،  رەھمەت پەرىشتىلىرىمۇ قاچمايدۇ،  ياكى كېيىن غۇسلى قىلاي دەپ كېچىكتۈرگەن بولسا باشقا جىددىي ئىشلار بولۇپ قېلىپ غۇسلى قىلالماي قېلىش،  ناماز ئوقۇيالماي قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
غۇسلى قىلماي تۇرۇپ قايتا جىما قىلىشقا بولىدۇ. ياخشىسى بۇنداق ئەھۋالدا ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىپ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەب. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بىرىڭلار ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كېيىن يەنە قايتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسۇن))(سەھىھۇ مۇسلىم 308-ھەدىس)



جۇنۇپ ھالەتتە بىر نەرسە يەپ-ئىچىشكە بولىدۇ.
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ-ئىچمەكچى بولسا ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەپ-ئىچەتتى))(ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە رىۋايەت قىلغان. 24758-ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى جۇنۇپ كىشى يەپ-ئىچمەكچى بولسا ئىككى قولىنى ۋە ئاغزىنى چايقىۋېتىدۇ دەپ قارىغانلار دەلىل قىلغان،  كاتتا تابىئي سەئىيد ئىبنى ئەلمۇسەييىب مۇنداق دېگەن: ”جۇنۇپ كىشى بىر نەرسە يېمەكچى بولسا ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاغزىنى چايقىۋېتىپ يەيدۇ“،  مۇجاھىد ۋە ئىمام زۇھرىيلارمۇ ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ يەيدۇ دەپ قارىغان،  ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق قارىغان ۋە: ”چۈنكى تاھارەت ئالىدۇ دېگەن ھەدىسلەر ئۇخلىماقچى بولغان كىشى ھەققىدە كەلگەن“ دېگەن.
باشقا ئالىملار نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يەپ-ئىچىدۇ دەپ قارىغان،  چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ-ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى بولسا،  ئادەتتىكىدەك تاھارەت ئالاتتى))(سەھىھۇ مۇسلىم 305-ھەدىس). يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ كىشى يەپ-ئىچمەكچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا تاھارەت ئېلىۋېتىپ شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى))(ئەبۇ داۋۇد 225-ھەدىس)
بۇ ئىككى خىل ھەدىسلەرنى مۇنداق بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يەپ -ئىچكەن،  بەزىدە ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەپ-ئىچكەن،  بۇ ھەدىسلەر ئىككى ئىشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرىدۇ. (نەيلۇل ئەۋتار 1/273)
دېمەك بۇ ھەدىسلەر بۇنداق تاھارەت ئېلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تاھارەت ئالماسلىقنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ،  بەزى ئالىملار تاھارەت ئالماي ئۇنداق قىلىش مەكروھ،  دەپمۇ قارىغان.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ

 ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن ئېلىندى، تەمىنلىگۈچى قېرىندىشىمىزغا كۆپ تەشەككۈر!

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى