ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار(3)
يانفوندا كۆرۈش
ئوچاق قىزىلىدا تەرلىتىش ئۇسۇلى
ئادەتتە شورنى ئاساس قىلىپ سېلىنغان تونۇرنىڭ كېرەكتىن چىققان خىش پارچىسىنى كىشىلەر يەرلىك تىلدا ‹‹ئوچاق قىزىلى›› دەپ ئاتايدۇ. تەرلىتىش ئۇسۇلى كاللا-پاقالچاق سۆڭىكىدە تەرلىتىش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. ئوچاق قىزىلىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئىسسىق مىجەزلىك ئاياللارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا تەرلەتسە ھامىلىدار بولۇشنى ئاسانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەكسىچە سوغۇق مىجەزلىك ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
بۇ خىل تەرلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بالىياتقۇ ئېغىزىنى قورۇش خۇسۇسىيىتى بار. ناۋادا كاللا-پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىگە ئوچاق قىزىلىنى سېلىۋەتسە ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىلگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل سۇنىڭ تۇغۇتلۇق ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان مىجەز سۇسلىشىشى، روھسىزلىنىش، كۆپ ئۇخلاش، ھۇرۇنلۇق، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق تۇغۇتتىن كېيىنكى روھىي ھالەتنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى بار.