تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانا بالا ئېمىتىكەندە بالىغا يۇقامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-25
ئاۋاتلىقى: 702 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانىنىڭ قېنىدىن تەكشۈرۈپ چىققان B تىپلىق جىگەر ياللۇغى باكتېرىيسى DNAنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولغاندا، ئېمىتىپ بېقىشقا ماس كەلمەيدۇ، ياكى سۈت تەركىبىدىكى سىرتقى يۈز ئانتىگېنى، مەركىزى ئانتېتىللا، e ئانتىگېن قاتارلىق ئۈچ تۈرنىڭ ئىككى ياكى ئۈچىسىدىلا مۇسپەتلىك كۆرۈلگەن چاغدا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بالىغا ئەملەش ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئانىنىڭ بەدىنىدىكى پەقەت سىرتقى يۈز ئانتىگېنى مۇسپەت بولغاندا ئانا سۈتى ئارقىلىق بېقىشقا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى يارىلانغان، قانىغان ئەھۋال ئاستىدا كېسەل تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېمىتىشنى توختىتىش، ئېغىز بىلەن چايناپ تاماق يېگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالا بىلەن بەدەن سۇيۇقلۇقى ئالماشتۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.