ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش ھەرگىزمۇ ھامىلىدارلىققا قارىتا تەكشۈرتۈشكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش ھەرگىزمۇ ھامىلىدارلىققا قارىتا تەكشۈرتۈشكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 595 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىنىڭ ۋە بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ئالىملار ياش خانىم-قىزلارنى تويدىن بۇرۇن تەكشۈرۈتۈپلا قالماستىن، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تەكشۈرۈتۈشتىنمۇ باش تارتماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ. سۈپەتلىك تۇغۇشنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ئاساسەن تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن بەدەن تەكشۈرتۈش، ئاياللار بۆلۈمى كۆپىيىش ئەزاسى تەكشۈرۈشى، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى تەكشۈرتۈش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا شۆلگەي، خروموسوما قاتارلىقلارنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئاياللاردىكى چوڭ ھۈجەيرە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملنىش، ئەرلەردىكى خروموسوملارنىڭ تەكشىلىكتىكى ئورۇن ئالمىشىشى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا بولىدۇ، بىراق بۇلار تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنىڭ مەزمۇنىدا يوق. 


ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن تەكشۈرىدىغان كېسەللىكلەر: ئېغىر ئىرسىي كېسەللىكلەر، ئېنىق ئىرسىي كېسەللىك، مۇناسىۋەتلىك نېرۋا كېسىلى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئەر-ئاياللاردىكى كېسەللىكلەرنى بالدۇر بايقاپ، ئەقلىي-ئىقتىدارى بىنورمال، ساغلام بولمىغان كېيىنكى بىر ئەۋلادنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن: رېنتگېن تەكشۈرۈشى، قان ۋە سۈيدۈكنىڭ ئادەتتىكى تەكشۈرۈشى ۋە باكتېرىيەنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلار بار. دۆلىتىمىزدە تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئاساسلىقى ئىككى تەرەپكە قارىتىلىدۇ: بىر گېنلىق ئىرسىي كېسەللىكى ۋە كۆپ گېنلىق ئىرسىي كېسەللىك، زۆرۈر تەكشۈرۈشلىرى: قان تەكشۈرۈشى، سۈيدۈك تەكشۈرۈشى، تەرەت تەكشۈرۈشى، جىگەر ئىقتىدارى تەكشۈرۈشى، كۆكرەك قىسمىنى رېنتگېنغا سېلىش، پۈتۈن بەدەننى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان ئېغىر ئىرسىي كېسەللىكلەر، جىنسىي كېسەللىكلەر، ئەيدىز ۋە جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار پەرزەنت كۆرۈشكە دەخلى قىلىپلا قالماي، يەنە كېيىنكى ئەۋلادنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشىدەك تۇغما كەمتۈكلۈك كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىل تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارمىغاندا،  يۇقۇملۇق كېسەللىك، ئىرسىي كېسەللىك ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى ئايرىپ چىققىلى بولمايدۇ. 
مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، جىنسىي كېسەللىكلەرنى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارمىغانلىق تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتۈش قىلمىغانلىق بىلەن باراۋەر ئىكەن. ئەگەر جىنىسىي كېسەللىكلەر، ئەيدىز قاتارلىقلاردىن ئەنسىرىسە، دوختۇرخانىغا يالغۇز بارسىمۇ بولىدۇ، دوختۇرخانا مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى