ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ۋاقتى: 2016-08-14 ئاۋاتلىقى: 931 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا سۈتى ئېمىتىشىنىڭ ئانىغا بولغان پايدىسى. 
 ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت شەكللەندۈرۈشكە پايدىلىق. ئانا ئۆزىنىڭ ئانا بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولىدۇ، بالا ئانىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە خۇشال بولىدۇ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ، بۇ ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا پايدىلىق.
ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىنچە توختايدۇ، ھەمدە تەبىئىي ھامىلىدارلىق ساقلىنىش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە بىر قېتىملىق تۇغۇتنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە  بالا ئېمىتىش تۇخۇمدان راكى بولۇپ قىلىش خەتىرىنى ئازايتىپ، ئانىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدىكەن. بالا ئېمىتىش بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىياتقۇنىڭ ئىلگىرىكىدەك ھالىتىگە قايتىشىغا ياردىمى بولىدۇ، جىنسىي يولدىن قان چىقىشنى ئازايتىپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئانىنىڭ فىگۇرىسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ھامىلىدار بولغان ۋاقىتتا يىغىلغان مايلارنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، فىگۇرىسىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە تۇغۇتتىن كېيىنكى سەمىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئېمىتىش مەزگىلىدە مۇۋاپىق كېلىدىغان ساپ پاختىدىن ياسالغان باغىرداق تاقاپ ئەمچەكنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتكەن ئانىلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدۇ، بولۇپمۇ پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشكە كۈچلۈك ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ.
ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنىڭ بالىغا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى
 ئانا سۈتى تەركىبىدە بالا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. ئاسان ھەزىم بولىدۇ، سۈمۈرۈلىشى ياخشى بولۇپ، بالىلارنىڭ بەدىنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ. بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن ياخشى تەييارلانغان،  بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، بۆرەكنىڭ چىقىرىپ تاشلاش سىستېمىسى تولۇق تەرەققىي قىلىپ بولالمىغاچقا، ئارتۇقچە ئاقسىل، مىنېرال ماددىلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن مىنېرال ماددىلارنىڭ نىسبىتى بوۋاق قوبۇل قىلايدىغان ھالەتتە تەڭشەلگەن بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە چىقىرىپ تاشلاش سىستېمىسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدە ياخشى بولغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئاسان سۈمۈرۈلۈپلا قالماستىن، تەركىبىدە يەنە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زۆرۈر بولغان كۆپ مىقداردىكى ماي كىسلاتاسى بار. 
ئانا سۈتى تەركىبىدە يېتەرلىك ئامىنو كىسلاتاسى ۋە سۈت قەنتى قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بالىنىڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانا سۈتى بالىلارنىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ، ئىچى سۈرۈشنىڭ ۋە نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بالىلارنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى يۈز بېرىشىنى ئازايتىدۇ. بالىلارغا سۈت تەييارلاپ بېرىش ئانا سۈتىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئانا سۈتىگە ئوخشاش قىلىپ تەييارلاش، ئەمما ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ بەزى نەرسىلەرنى دوراپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئۈلگىلىك بولغىنى كۆپ خىل يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار، مەسلەن: ئىمۇنىتېتلىق ئاقسىل، كومپلېمېتنىت، باكتېرىئولىزىن ھەمدە ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئىممۇنىتېتنى تەڭشىگۈچى ماددىلار قاتارلىقلار. بەزى تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ بالىلار دىئابىت كېسىلى ۋە بالىلار راك كېسىلى بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن. بالىلارنىڭ ئممۇنىتېتىغا تەسىرى ئەڭ ياخشى بولىدىغىنى تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئەمگەن ئوغۇز سۈتى(تەركىبىدە ئانتېتىلا ۋە تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئامىللار بار) ئانا چوقۇم ئامالىنىڭ بېرىشچە بالىغا ئېمىتىشى كېرەك. 
ئانا سۈتى ئېمىتىش بىلەن بالىنىڭ خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يېتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئېمىتىش جەريانىدا، بالىنىڭ تېرىسى ئانىنىڭ تېرىسى بىلەن، كۆزى كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئىللىقلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇھەببەتكە بولغان تەلىپىنى قاندۇرىدۇ. 
ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنىڭ جەمئىيەتكە بولغان پايدىسى 
ئىقتىساد: ئەگەردە پىششىقلاپ ئشلەنگەن سۈت ئىشلەتكەندە، ھەر ئايلىق سۈت ئۈچۈن نەچچە يۈز يۈەن كېتىدۇ، يەنە سۈت بوتۇلكىسى، ئېمىزگە  قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئانا سۈتىنى ئېمىتكەندە پۇل خەجلەپ سۈت پاراشوكى ۋە سۈت بوتۇلكىسى سېتىۋېلىشنىڭ ئورنى يوق، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە دوختۇرغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئىقتىساد ۋە زېھنىنى ئازايتىدۇ، ئائىلىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. 
قولايلىق: ئانا سۈتىنڭ تازىلىقى ۋە تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، ئېلىپ يۈرۈش ئەپلىك، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا ئېمىتكىلى بولىدۇ. سۈت تەڭشەش، ئىسسىتىش ، سۈت بوتۇلكىسى ۋە ئېمىزگىنى يۇيۇشتىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سۈت ئەمگەن بوۋاققا بالدۇرلا ۋېتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما ئانا سۈتى ئېمىتكەن بوۋاققا تولۇقلاشنىڭ ئورنى يوق ياكى كېيىنرەك تولۇقلىسىمۇ بولىدۇ. تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق ھەمدە يۇقۇملىنىش پۇرسىتى ئاز بولىدۇ، ئانا سۈتى ئېمىتكەن بوۋاق ئاسان كېسەل بولۇپ قالمايدۇ، بەدەن ساپاسى ياخشى بولىدۇ. پىسخىكشۇناسلار بالدۇرلا شۇنى ئىسپاتلاپ چىققانكى: بوۋاق مەزگىلىدە بىرقەدەر كۆپ قۇچاقلىغان بالىلار چوڭ بولغاندا قالايمىقان يىغلىمايدۇ،  تېخىمۇ مۇستەقىل بولالايدۇ. ئانا سۈتى ئېمىتكەن ئانىلار بالىغا تېخىمۇ مېھرىبان كېلىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق، بالىنى تاشلاپ كەتمەيدۇ ياكى بالىنى خورلىمايدۇ، بۇ ئائىلىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا پايدىلىق. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى