ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئورۇقلاش(1)

بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئورۇقلاش(1)

ۋاقتى: 2016-02-22 ئاۋاتلىقى: 793 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئورۇقلاش(1) 

بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە يېمەكلىك تېجەش سۈتنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەكسىچە ئورۇقلاشنى خالايدىغانلار سۈت ئېمىتىشى كېرەك، چۈنكى سۈت ئېمىتىش بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىۋەتمەيدۇ. ئەگەر بالىسىنى ئېمىتسە 6 ئايدىن كېيىن ئورۇقلاش ھەرىكىتى قىلسا بولىدۇ، بالىسىنى ئېمىتمىسە، تۇغۇتتىن كېيىن 3 ئايدىن كېيىن ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئورۇقلاش ھەرىكىتىنى قىلىشنى باشلىسا بولىدۇ. 

قورساق بانداژىغا تايىنىپ قورساقنى قىسىش: 

كۆپلىگەن تۇغۇتلۇق ئاياللار كېلىشكەن بەدەن شەكىلىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، قىرىقى ئېچىدە قورساق بانداژى تاقايدۇ، سىقىپ تۇرىدىغان ئىچ كېيىملەرنى كېيىدۇ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كېڭىيىپ كەتكەن داس سۆڭىكىنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بۇ خىل كۆز قارىشىنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ، بىراق، قورساق قىسىمى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار ئەڭ زىچ جايلاشقان ئورۇن، قورساق تېڭىلغاندىن كېيىن، ۋېنا تومۇر بېسىمغا ئۇچراپ، ئىككى پۇتتىكى ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنى ۋە بوۋاسىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارتېرىيە تومۇرى راۋان بولمىغانلىقتىن، قان تومۇرلارنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچىراپ، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئومۇرتقا ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار بىسىمغا ئۇچىراپ، مۇسكۇللارنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇزۇن مەزگىل بېلىنى تېڭىش بەل موسكۇلىنى زەخمىگە ئۇچرىتىش  قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايال بەل ۋە  قورساقنى بەك چىڭ تاڭغاندا،  قورساق بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، كۆپىيىش ئەزالىرى ئۇچرايدىغان داس بوشلۇقى تۈۋىنى تىرەپ تۇرىدىغان توقۇلما ۋە پەيلەرنىڭ تىرەش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، بالا ياتقۇ چۈشۈش، بالا ياتقۇ ئارقىغا ئېگىلىش، جىنسىي يول ئالدىنقى دىۋارى ۋە ئارقى دىۋارى يوغىناش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە داس بوشلۇقى ۋېنا قېنىنىڭ  قېتىپ قېلىشى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىيىش سىستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئۈچەي يوللىرىنى بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ، تاماقتىن كېيىن  ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىپ، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
تۇغۇتتىن كېيىنكى ئورۇقلاش ئۈچۈن قانداق چېنىقىش  كېرەك؟!

تۇغۇتتىن كېيىنكى چېنىقىش ئىنتايىن مۇھىم

ئوزۇقلۇق مەسىلىسىدىن باشقا يەنە تۇغۇتتىن كېيىنكى چېنىقىشمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئادەتتە، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئېككىنجى كۈنى ئورۇندىن تۇرۇپ ئۆي ئىچىدە ماڭسا بولىدۇ. يېرىم ئايدىن كېيىن يېنىك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ. بىر ئايغا توشقاندا يېتىپ تۇرۇپ قورساق قىسمىدىكى مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ. ساقلىنىدىغان ئىشلار: تۇغۇتتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك. بالا تۇغۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئورۇقلاش ھەرىكەتلىرىنى قىلسا بالا ياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئاستىلىتىدۇ ھەمدە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈچلۈكرەك ھەرىكەت قىلسا ئوپراتسىيە كەسمە يۈزىنىڭ ۋە تاشقى جىنسىي يولدىكى يارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئاستىلىتىدۇ، بەزى بوغۇملار بەك ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدۇ، قورساقنى يېرىپ بالا ئالغان ئانىلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ. ئۆزى تۇغقان ئانىلار تۇغۇتتىن كېيىنكى 6-4 ھەپتە ئىچىدە ئورۇقلاش بەدەن ھەرىكەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ. قورساقنى يېرىپ بالا ئالغانلار 8-6 ھەپتە ئۆتكەندىن قىلىشى كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى