تۇغۇتتىن كېيىنكى 42 كۈندىن كېيىنكى تۇغۇت تەكشۈرتۈشنىڭ مۇھىملىقى
ۋاقتى: 2016-06-30
ئاۋاتلىقى: 687 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇغۇتتىن كېيىنكى 42 كۈندىن كېيىنكى تۇغۇت تەكشۈرتۈشنىڭ مۇھىملىقى
نېمىشقا تۇغۇتتىن كېيىنكى 42 كۈندە قايتا تەكشۈرتۈش لازىم؟
1. ئاياللار تۇغۇت جەريانىدا تېنىدە يۈز بەرگەن فىزىئولوگىيەلىك ۋە ئاناتومىيەلىك ئۆزگىرىشلەر تۇغۇتتىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ، مۇشۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەم تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن چوقۇم تۇغۇتتىن كېيىن ئەستايىدىل، ئەتراپلىق ھالدا تەكشۈرتۈش كېرەك.
2. چۈنكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بالىياتقۇسى تۇغۇتتىن 42 كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كىلىدۇ. شۇڭا تۇغۇتتىن 42 كۈندىن كېيىن، ئانا بالا ئىككەيلەن تۇغۇت تۇغدۇرغان دوختۇرخانىغا بىرىپ يەنە بىر قېتىملىق ئەتراپلىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىشى كېرەك ھەم دوختۇرنىڭ يىتەكلىشىدە نورمالسىزلىقلارنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ، ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئېلىپ كېلىدىغان ناچار تەسىرلىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
قانداقراق دوختۇرخانىلارغا بىرىپ تەكشۈرتسە ياخشى بولىدۇ؟
42 كۈندىن كېيىنكى تكشۈرتۈشتە ئالاھىدە دوختۇرخانا يوق، لېكىن تەكلىپ ئۆزى بارغان تۇغۇت دوختۇرخانىلىرىغا بىرىپ تەكشۈرتكەن ياخشى، چۈنكى ئانا يەڭگىگەن دوختۇرخانىدا ئانا ۋە بالىنىڭ ماتېرياللىرى بىرقەدەر تولۇق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ياكى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتسىمۇ بولىدۇ.
دوختۇرخانا قانداق ۋاقىتتا تەكشۈرىدۇ؟
دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۈندە بۇ تەكشۈرۈشنى قىلىشى ناتايىن. بەزىلىرى پەقەت چۈشتىن بۇرۇنلا قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى دەم ئېلىش كۈنلىرى قىلمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈشكە بېرىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ سۈرۈشتۈرگەن ياخشى.
تەكشۈرتۈشكە بارغاندا قانداق ماتېرياللارنى ئېلىۋېلىش كېرەك؟
زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىلىرىنى ۋە بوۋاقنى يەڭگىگەن ۋاقىتتا دوختۇرخانا بەرگەن دوختۇرخانىدىن چىقىش ئىسپاتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
تەكشۈرتۈشكە ئاچ قورساق بېرىش زۆرۈرمۇ؟
ئانا بولغۇچىنىڭ ئاچ قورساق بېرىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، لېكىن بوۋاقنىڭ ئاچ قورساق بارغىنى ياخشى.
سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە قايتا تەكشۈرتۈش كېرەكمۇ؟
ئادەتتە قايتا تەكشۈرتۈش ھاجەتسىز، ئەگەر بىرەر مەسىلە چىقسا ياكى نورمالسىزلىق كۆرۈلسە دوختۇر قايتا تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.