ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ

بالىلارنىڭ باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ

ۋاقتى: 2013-05-27 ئاۋاتلىقى: 518 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مېڭىنىڭ يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا باش ئايلانمىسى تەخمىنەن 33.7–34.3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، 1-يىلى باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭىيىشى تېز بولىدۇ.

 يەنە 11-12 سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا تەخمىنەن سەككىز سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىدۇ. بىر ياشقا توشقاندا يەنە ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىدۇ. 2-يىلى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىدۇ. كېيىن 15 ياشقا كىرگۈچە پەقەت 4–5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىپ، چوڭ ئادەملەرنىڭ باش ئايلانمىسى بىلەن تەڭلىشىدۇ. ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا تەخمىنەن 34 سانتىمېتىر، بىر ياشتا 46 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئىككى ياشتا تەخمىنەن 48 سانتىمېتىر، 15–16 ياشتا تەخمىنەن 55 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. 
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىلار باش ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ  چوڭىيىدۇ. ئەگەر بەلگىلىك ياش دائىرىسىدە باش ئايلانمىسى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولسا بۇنىڭغا چوڭقۇم ئېتىبار بىلەن قاراپ دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى