ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياپونىيەدە بالىلارنى قائىدە–يوسۇنلۇق قىلىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ

ياپونىيەدە بالىلارنى قائىدە–يوسۇنلۇق قىلىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ

ۋاقتى: 2013-03-30 ئاۋاتلىقى: 603 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيەنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. كۆپلىگەن ياش-ئۆسمۈرلەردە ئاتا-ئانىلىرىدىن بىزار بولۇش ۋە ياكى كۈنبويى مەكتەپتىن قېچىپ، ئۆيلىرىدە ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش ھەم كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن ياپونىيە جەمئىيىتى ئائىلە تەربىيەسىگە يېڭىباشتىن ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.
ياپونىيەنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە بالىنى قائىدە-يوسۇنلۇق قىلىپ تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ياپونلار بالىلارغا بېرىلىدىغان بىلىم تەربىيەسى بىلەن زېھنىنى ئېچىش تەربىيەسىگە جۇڭگولۇقلاردەك قىزغىن ئەمەس. ياپونىيەلىك بالىلار ياۋاشراق كېلىدۇ، تىرامۋايغا ئولتۇرغاندا قالايمىقان ماڭمايدۇ، رېستۇرانلاردا تاماقلانغاندا كەپسىزلىك قىلمايدۇ. بالىلار باغچىلاردا ئويناۋاتقاندا، باشقا بالىلار ئويۇنچۇقىنى تارتىۋالغانلىقى تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەرسە، ئاتا-ئانىلىرى دەرھال بېرىپ قارشى تەرەپكە ناماقۇل بولىدۇ. 
ياپونىيەنىڭ بالا تەربىيەلەش ئورنى ئاتا-ئانىلاردىن ھەر كۈنى بالىلىرى بىلەن ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىللە بولۇشنى، ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرى بىلەن بىللە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەر قانچە ياخشى مەكتەپ تەربىيەسىمۇ ئائىلە باشلىقىنىڭ بالىلارغا بولغان ئىجابىي تەسىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىكەن.
ياپونىيەدە «قېلىپلاشقان مائارىپ» ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى. ئائىلە تەربىيەسىدە بالىلاردا قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش، ئىجتىمائىي قائىدىلەرگە رېئايە قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەندىلا، جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ھەر بىر بالا ئەدەپ-قائىدىلىك جەمئىيەت ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. قائىدىلىك ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىلا ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەسىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل ياپونىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ ئورگانلىرى ھەم ئائىلە تەربىيەسى جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئائىلە تەربىيەسى ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلارنى ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى ئۆگىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقتا.

ئابدۇرېھىم توختى تەرجىمىسى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى