ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار ياستۇقىنى تاللاش ھەققىدە ئومۇمىي ساۋات

بالىلار ياستۇقىنى تاللاش ھەققىدە ئومۇمىي ساۋات

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 526 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلار ياستۇقىنى تاللىغاندا، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى تۆت خىل خاتالىقتىن ساقلىنىش كېرەك: 
1) ئاددىيلا «ئوماق» بولۇشنى ياستۇقنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋېلىش.
2) بالىلار ياستۇقىنى چوڭلارنىڭ ياستۇقىنىڭ كىچىكلىتىلگىنى دەپ قاراش
3)بالىلار ياستۇقىنى ئىشلىتىشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتىنى بىلەلمەي، بەك بالدۇر ياكى بەك كېيىن ئىشلىتىش.
4) بىرلا ياستۇقنى بالا چوڭ بولغۇچە ئالماشتۇرماي ئىشلىتىش. 
بالىلار ياستۇقىنى توغرا تاللاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: 
بوۋاق تۇغۇلۇپ ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ياستۇق ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى تۈز بولۇپ، كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتقۇزغاندا بويۇن ئۇمۇرتقىسى تىك ھالەتتە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ياستۇق بىلەن تىرەپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. 
بوۋاق ئالتە ئايلىق بولۇشتىن بۇرۇن زىيادە يۇمشاق بوۋاقلار ياستۇقى ئىشلەتكەندە، تۇنجۇقۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 
بەك قاتتىق بولغان بوۋاقلار ياستۇقى( مەسىلەن: كۆك پۇرچاق ياستۇقى) بالىنىڭ بېشى بىلەن ياخشى جىپىسلاشمايدۇ، بەك يۇمشاق بالىلار ياستۇقى( مەسىلەن: مامۇق ياستۇق) بالىلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنى ياخشى تىرەپ تۇرالمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق-يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق بولغان بوۋاقلار ياستۇقىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 
بوۋاقلار ياستۇقىنىڭ رەختىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش خۇسۇسىيىتى ياخشى بولۇشى كېرەك، بەك تىنجىق، ھاۋا ئۆتۈشتۈرمەيدىغان بولسا بالىدا زىيادە سىزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ دائىم شالۋىقى ئاقىدىغان بولغاچقا، يۇيۇش قولايلىق بولغان ياستۇقنى تاللاش كېرەك. 
بوۋاقلار ياستۇقىنى تاللىغاندا، ھەرگىزمۇ باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشىنى كۆزلىمەسلىك كېرەك. كەسپىي، نامى ياخشى، كۆرسەتكۈچلىرى تولۇق بولغان زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ياستۇقلىرىنى تاللاش كېرەك، شۇندىلا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 
ئادەتتە بوۋاقلار ياستۇقىنى مەھسۇلات سۈپىتى ۋە تۈزۈلۈشىگە قاراپ سېتىۋېلىشتا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ياستۇقلارنى تاللىسا بولىدۇ:
شەكلى كۆركەم، رەختى يۇمشاق لۆڭگىنىڭ رەختىدىن بولغان، ئوماق رەسىملىرى بار، يۇيۇشقا قولايلىق ۋە يۇمىلاق شەكىللىك ياستۇقلارنى تاللاشقا بولىدۇ. 
باكتىرىيىگە قارشى ياستۇقلار: ياستۇقنىڭ ئۈستى يۈزىگە باكتېرىيىگە قارشى رەختلەرنى ئىشلەتكەن ياستۇقنى كۆرسىتىدۇ، زىيادە سىزىمچان بوۋاقلار ئۈچۈن ياخشى تاللاشتۇر. 
ئىمۇلسىيە يىلىمى ياستۇقى(乳胶枕): بۇ %100 لىك ئىمۇلسىيە يىلىمىدا ياسىلىدىغان ياستۇق بولۇپ، بىرقەدەر نىپىز، باشنى قويغاندا مۇۋاپىق ئۆزگىرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسىمۇ، ئاسان سۈپىتىنى يوقاتمايدۇ، زىيادە سەزگۈر ۋە خورەك تارتىدىغان بوۋاقلارغا تازا ماس كېلىدۇ. 
سىلتسىي يىلىمى ياستۇقى(硅胶枕): سۇ ياستۇقىغا ئوخشاپ قالىدۇ. دولقۇن شەكىللىك سىلتسىي يىلىمى ياستۇقىنىڭ ئوتتۇرىسى ئويمانراق بولغاچقا، مۇقىملاش رولىنى ئوينايدۇ، لېكىن سىلتىسي يىلىمى خېمىيىلىك كۆپۈك چىقىرىدىغان ماددا بولۇپ، ئاتا-ئانىلار سېتىۋالغاندا، پۇرىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، زەھەرلىك ماددا تەركىبى بولغانلىرىنى ئېلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى